باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن رەت قىلىنغان ھۆكۈمەتكە ئايلىنىپ قالدى؟

2019.01.31 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پاتاخ مەركىزىي كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى راماللادا يىغىن ئېچىپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھ زاتلىرى ۋە مۇستەقىل زاتلاردىن تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپى بەردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاتاخ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى باشقۇرماقچى، بىراق يېڭى ھۆكۈمەت پەلەستىندىكى يەنە بىر سىياسىي گۇرۇھ ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنى چەتكە قاقسا پەلەستىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  پەلەستىن زوڭتۇڭى، پاتاخ رەھبىرى ئابباس 2013-يىلى 6-ئايدا مۇستەقىل نامزات ھەمدۇللانى ھۆكۈمەت زوڭلىلىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى. ئابباسنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنىشىدىكى مەقسەت پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق سىياسىي گۇرۇھ پاتاخ بىلەن خاماسنىڭ يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى گۇرۇھنىڭ يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە ئىككى گۇرۇھ زاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن يول ھازىرلاش ئىدى.

  ھەمدۇللانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خاراكتىرى مۆتىدىل بولغانلىقى ھەمدە دائىم پاتاخ بىلەن بىردەك بولمىغان قارارلارنى چىقارغانلىقتىن، ئابباس ھەمدۇللانى ۋەزىپىسىدىن غەرەزلىك بوشاتماقچى دىگەندەك خەۋەرلەر تارقاتتى.

  پاتاخ بىلەن خاماس 2007-يىلى غەززەدە زور كۆلەمدە توقۇنۇشتى. خاماس ئاخىرىدا غەززەنى كونتۇرول قىلىش ھوقۇقىنى ئالدى، پاتاخ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن چېكىندى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى گۇرۇھنىڭ تېركىشىش ۋەزىيىتى تەدىرىجىي شەكىللەندى. ئىككى گۇرۇھ يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىدى.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى پەلەستىن مىللى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەزالىرىدىن غەززە بىلەن مېسىرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان راپا چېگرا ئېغىزىدىن چېكىنىپ چىقىپ، خاماسنىڭ بۇ چېگرا ئېغىزىغا كاشىلا يەتكۈزگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىزمەتچى خادىملار پاتاخنىڭ ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان ئىدى.

  غەززە داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق پروفىسورى جەبىرىيە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاتاخ چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاماس راپا ئېغىزىنى قايتىدىن كونترول قىلدى، بۇ پاتاخ بىلەن خاماسنىڭ سىياسىي جەھەتتە يارىشىش سۆھبىتىنىڭ ئۈزۈل كېسىل بۇزۇلغانلىقى، خاماسنىڭ غەززە رايونىنى يەنە بىر مەھەل كونترول قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەمدۇللا ھۆكۈمىتى ئىككى گۇرۇھنىڭ يارىشىشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي، رەت قىلىنغان ھۆكۈمەتكە ئايلىنىپ قالدى.

  پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاتاخنىڭ ئەزاسى، قۇرۇلۇش ۋە تۇرالغۇ ئۆي مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتەيىنى يېڭى ھۆكۈمەت زوڭلىلىقىغا كۆرسىتىش سادالىرى كۆپەيگەن، كابېنىتنىڭ باشقا ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاتاخنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان. جامائەتچىلىك ئومۇمىيۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىشتەيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى ئابباس بىلەن تېخىمۇ يېقىن، يېڭى ھۆكۈمەت پاتاخنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ.

  پەلەستىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھانى ماسىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى كابىنىت تەشكىللەشتىكى مەقسەت ھۆكۈمەتنى بىر كىشىنىڭ ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ، پاتاخ ئەزالىرى ئاساس قىلىنغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، پاتاخنىڭ ئېئوردا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۆكمىرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. يېڭى ھۆكۈمەت خاماسنى چەتتە قالدۇرىدۇ، بۇ پاتاخنىڭ پايدا زىياننى مۆلچەرلىگەندىن كېيىنكى تاللىشى.

  جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: پاتاخ ئابباسنىڭ يېشى چوڭايغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ،پاتاخ يادرو قىلىنغان ھۆكۈمەتنى تىزدىن تەشكىللەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاتاخ يادرو قىلىنغان ھۆكۈمەت تەشكىللەش چوقۇم خاماسنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ پەلەستىننىڭ سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر