باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.05.05 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تۆۋەن ياش باسقۇچىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىلمىي ئىشلەتمەسلىكنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆپ يۈز بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىمكانقەدەر يانتېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئالدىدا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە بالىلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتى %53.6 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ %14.5، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %36، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %71.6، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %81 بولغان، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ئىكەن.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «2019- يىللىق بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ساغلاملىق تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق ئۇچۇرى»دا ئەسكەرتىلىشىچە، 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى يېتىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولۇپ، بالىلارنىڭ دەسلەپكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش ۋە ساغلاملىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن.

  يادرولۇق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، يانتېلېفون، كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانلارغا ئۇزۇن ۋاقىت ياكى يېقىن ئارىلىقتا تىكىلىپ قاراش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار يانتېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئالدىدا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.

  مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ئىشلىتىدىغان ئوقۇتۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ 30 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە ئۆگەنگەندىن كېيىن، 10 مىنۇت يىراقلارغا قاراپ ئارام ئېلىش كېرەك. ئۆگىنىش مەقسىتى بولمىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى بىر قېتىم ئىشلەتكەندە 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈنى جەمئىي بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئوقۇش، يېزىشتا ئۇدا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە يېتەرلىك كۈندۈزلۈك دالا پائالىيىتى ۋاقتى بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلىشى، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۈندۈزلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، ياتاقلىق بالىلار باغچىسىنىڭ دالا پائالىيەت ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر