4-ماي ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.05.05 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «4-ماي ھەرىكىتى ۋە يېڭى دەۋر» تېمىلىق 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 4-ماي ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 4-ماي بېيجىڭ داشۆدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ۋە بېيجىڭ داشۆسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ داشۆ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات يۇرتى ۋە بېيجىڭ داشۆ ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان.

  يىغىندا، 4-ماي ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ مەركەز مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقات كۈچلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ 4-ماي ھەرىكىتى ۋە جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى دەۋر خاراكتېرلىك، ئالدىن كۆرەر، ئىجادىي ۋە مۇھىم، زور تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىدىيە-نەزەرىيە نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى. شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ داشۆنىڭ مەركەزنى ئورتاق قۇرۇشى تارىخىي ئەۋزەللىك، رايون ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ