مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 31 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، تەخمىنەن GDPنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلىدى

رەقەملىك ئىقتىساد گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى

2019.05.05 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 400 رەقەملىك ئىقتىساد مۇھىم، زور تۈرىگە 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 200 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بىر تۈركۈم تۈرلەر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر. بىر يىلدىن بۇيان، «رەقەملىك» دېگەن قانات گۈزەل جۇڭگوغا نۇرغۇن ئىمكانىيەت ئاتا قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت، رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل جەمئىيەتتىن ئىبارەت بىر مەيدان رەقەملىك ئۆزگىرىش جۇڭگو زېمىنىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 31 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، تەخمىنەن GDPنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرى تېز ئېشىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوپتىك كابېل ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 43 مىليون 580 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ،G 4 تورى بىلەن قاپلىنىشى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ،G 4 ئابۇنىچى 1 مىليارد 170 مىليون ئائىلىگە يېتىپ، پۈتۈن يىلدا 169 مىليون ئائىلىلىك ساپ ئېشىپ، G 5 يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۆلچەم تۈزۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، IPv6 كۆلەم ئورۇنلاشتۇرۇشى تېزلەشتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. بىر تۈركۈم ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلدى ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى 62 تارماق، 21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دۆلەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش – ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئەمەلىي ئىقتىسادنى رەقەملەشتۈرۈش تىپىنى ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇلۇت ھېسابلاش، سانائەت ئالاقە تورى كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، نۇقتىلىق سانائەت ئالاقە تورى تورىنىڭ سانائەت ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئوتتۇرىچە ئۇلىنىش سانى 590 مىڭغا يېتىپ، سانائەت APPسى ئوتتۇرىچە 1500دىن ئېشىپ، تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئوتتۇرىچە 500 مىڭدىن ئېشىپ، 2018-يىلى سۇپىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 500 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، بېيدوۋ 3-نومۇرلۇق ئاساسىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پۈتتى ۋە يەر شارىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ