باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسى(5)

2015.07.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

-قۇملۇقتىكى بىرەر پەرىزاتقا ئاشىق ئوخشايسىز ئەمىسە-دىدى نەسرۇللا چاقچاق قىلىپ.
-بۇ قۇملۇقتا چوقۇم مەن ئاشىق بولغان پەرىزات بار –دەپ كۈلدى خىلىل ھاشىم.
نەسرۇللامۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ بۇ ئادەمنىڭ شۇنچە بىخىرامان ياشايدىغانلىقىغا ھەيران قالدى.
-سۈت سىغىپ بىرەيمۇ ؟ -دىدى خىلىل ھاشىم.
ئۇلار ئىغىلغا كىرىشتى.چىللە پۇرىقى دىماقنى ئىچىشتۇراتتى. نەسرۇللا خىلىل ھاشىمنىڭ ئەپچىللىك بىلەن سۈت سىغىشىغا كۈلگىنىچە قاراپ تۇردى . ئۇ ئىختىياسىز بۇ خىل تۇرمۇشنى ياقتۇرۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە خىلمۇ-خىل مىۋە –چىۋىلەرگە تولغان كەڭرى كەتكەن باغ ئىدى. باغ يىنىدىكى بىر ئىغىز ئۆيدە خىلىل ھاشىمنىڭ تۇماق تىكىدىغان جابدۇقلىرى يىيىلىپ تۇراتتى.
-ساڭا مۇشۇ قوزىنىڭ تۈكىدە قىشلىق تۇماق تىكىپ بىرىمەن ئىنىم –دىدى خىلىل ھاشىم پاقىراپ تۇرغان يۇمران قوزا تىرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ- قىشتا ئۆز قولۇم بىلەن ئۆيۈڭگە يەتكۈزۈپ بىرىمەن.
نەسرۇللا خىلىل ھاشىمنىڭ تۇماق تىكىشىگە بىر ھازا قاراپ تۇردى.
ھويلا ئىچىدە مويلىرى ئالتۇندەك سىرىق رەڭلىك بىر جۈپ قوزا مەرەپ چۆرگىلەپ يۇرەتتى.
-ئۇ سىزنىڭ بىر جۈپ قىزىڭىزدەك كۆرىنىدىكەن-دەپ كۈلدى نەسرۇللا.
-شۇنىسى ئەشۇ قىزلىرىمغا ئوخشايدىغان قوزىلىرىم سەللا چوڭ بولسا سويۇپ تىرىسىدە تۇماق تىكىمەن-دىدى خىلىل ھاشىم بىخىرامان سۆزلەپ – ئۇلار ھايۋان بولغىنى ئۈچۈن ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ گۆشى ئادەملەرگە ئوزۇق،تىرىسى يىپىنچا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ياالمىشى مۇشۇنداق .
-سىزنىڭچە ئىنساننىڭ يارالمىشىدا ۋەھشىلىك بارمۇ ؟ -دەپ سورىدى نەسرۇللا ئىختىيارسىز ھالدا بىر جۈپ قوزىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي.
-ياق-دەپ كىسىپ ئىيتتى خىلىل ھاشىم –ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بىچارىلىق ھەم بىقوۋۇلۇق بار. ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پايدىلىنىشى ۋەھشىلىك ئەمەس.
شامال باغ تەرەپتىن قۇملارنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. مىكىياننىڭ قەقەھلىگەن ئاۋازى ھويلىنى بىر ئالدى. خىلىل ھاشىم ھويلا تەرەپكە ئۆتۈپ ئىككى قولىدا نەچچە تال سامان يۇقى تۇخۇمنى كۆتۈرۈپ كىردى.
-يەرلىك تۇخۇم ،ئوچاققا كۆمۈپ پىشۇرۇپ بەرسەم بەك پايدا قىلىدۇ-دىدى خىلىل ھاشىم ئوچاقتىكى چوغنى كۆلاۋىتىپ.
نەسرۇللا چوغدا پىشقان تۇخۇمنى لەززەتلىنىپ يىدى.
-زىرىكىپ قالمىساڭ مۇشۇ يەردە نەچچە كۈنلەپ تۇرغىن ئۇكام –دىدى خىلىل ھاشىم – ھىلى تۇرۇپ پاقلان گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ بىرىمەن.
نەسرۇللا –مەيلى-دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنى ھىچقاچان ھازىرقىدەك بىخىرامان ،خاتىرجەم ھىس قىلىپ باقمىغانىدى.ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئادىمىزاتى بۇ زىمىدا كىملەر بىلەندۇر تىركىشىپ،تالىشىپ،ياتلىشىپ،چىشلىشىپ، كىشنىشىپ ئەمەس مانا مۇشۇنداق ئازادە ،بىخىرامان ياشاشنى تاللىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاندىلا ئىنسان ئاندىن ھەقىقى ھاياتلىققا يىقىنلىشاتتى. ئەمما بۇلارنى ھەقىقى تۈردە ھىس قىلىپ يەتمەك شۇنچىلىك تەسكى.....
ئۇ چۈشتىن كىيىن ھاۋا سەل يانغاندا قۇملۇققا يەنە بىر قىتىم بىرىپ كۆرۈپ بىقىشنى نىيەت قىلدى. ئۇ بەلكىم قۇملۇققا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كۆرۈپ بىقىشى مۇمكىن، قۇملۇقنىڭ ئىچىدە زادى قانداق سىرلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلىسە ھە ! ئەمما ئۇنىڭغا ئايان ،بۇ سىرلارنى ئىنسان بالىسىنىڭ بىلەلىشى بەك تەس،شۇنداق تەس بولغىنى ئۇچۇنلا نەسرۇللا قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشكە،ئۆزىگە نامالۇم بولغان نەرسىلەرنى بىلىشكە قىزىقىدۇ. ھاياتتا شۇنداق نامەلۇم ،سىرلىق نەرسىلەر بولمىسا بۇ ھاياتنىڭ ھىچقانداق قىزىققۇچىلىكى قالمايدۇ....
نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىر كۈنى كىچىدە تۇيۇقسىزلا بۇ كىچىككىنە مەھەللىنى قۇم بىسىپ كىتەر ،بەلكىم نەچچە كۈنمۇ ئۆتمەس،پەقەت بۈگۈنلا ،بۈگۈن چۈشتە نەسرۇللا خىلىل ھاشىمنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقاندا قۇملار يوپۇرۇلۇپ كىلىپ ئۇ ھەم خىلىل ھاشىم قۇم ئاستىدا قىلىپ مەڭگۈلۈك كۆز يۇمار.....ئىنىقكى، قۇم ئاستىدىكى ئۆلۈم ئانچە قورقۇنچلۇق بولمايدۇ. ئۇلار ئۇخلاۋاتقان پىتىچە كۆزلىرى ئاچمىغان پىتى قۇملار ئاستىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كىتىدۇ. قۇم ئاستىدا نەچچە يۇز يىل،نەچچە مىڭ يىل ۋە بەلكىم مەڭگۈ كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.....
نەسرۇللا شۇنداق خىياللار بىلەن ھويلىدىكى ئۇزۇمتال سايىسىدىكى سۇپىغا تاشلانغان كۆرپە ئۈستىگە يانپاشلىدى. ھىلىقى بىر جۈپ قوزا گويا ئاتىسىغا ئەركىلىگەن كىچىك قىزچاقلاردەك ئۇنىڭ قۇچىغىغا چىقىشقا ئىنتىلىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى،كۆڭلىكىنىڭ پەشلىرىنى يالاشقا باشلىدى. ئۇلار ھىچنىمىدىن ياتسىرىمايتتى،ھىچكىمدىن يىتىرقىمايتتى. ئۆزىنى ئەركىلىتىپ بىقىۋاتقان مۇنۇ ئادەمزاتىنىڭ نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ گىلىغا بىخىرامان پىچاق سۈرۈپ،تىرىسىنى سويۇپ گۆشىنى لەززەتلىنىپ يەپ، تىرىسىدىن تىكىلگەن تەلپەكنى خەقلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ كىيىشىنى خىيالىغا كەلتۇرۈشمەي بىخىرامان قىيغىتىپ ئويناپ يۇرەتتى....
نەسرۇللانىڭ كۆزلىرى چۈشلۈك ئۇيقىغا ئىلىنغان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇنى بىر توپ ئادەملەر ئىزدەپ يۇرەتتى. ئۇلار ھەيدەپ كەلگەن ماشىنا مەھەللىگە يىقىن يەرگە كەلگەندە قۇمغا پىتىپ قىلىپ ،ئۇلار نىمە قىلارىنى،نە ئالدىغا نە كەينىگە مىڭىشىنى بىلەلمەي تىت بولۇشۇپ،جىلە بولۇشۇپ ،ئۇسسۇزلۇقتا لەۋلىرى چاك-چاك يىرىلىپ بىر-بىرىگە قارىشىپ ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرىشاتتى.رۇشەنئاينىڭ يۈزلىرى ئاپتاپ دەستىدىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەتراپتىن سايىدايدىغان بىرەر تۈپ دەرەخ ئىزدەپ
ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قارايتتى.قولىدا نەسرۇللانىڭ ئاخشام مەشرەپ بولغان ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغان تىلفۇنى ھىلىتىن-ھىلىغا سايراپ تۇراتتى. ئۇ بەزىلىرىگە جاۋاپ بەردى.بەزىلىرىگە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قويىۋەتتى. ھەممىدىن يامىنى ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەردىن كەلگەن تىلفۇن بولدى. ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئەتىگەندىن بىرى ئوننەچچە قىتىم تېلفۇن كەلدى.تېلفۇن ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق ئاچچىقىدا سايرىدىكى رۇشەنئاي ئاخىرى بولماي تېلفۇننىڭ ئاۋازىنى ئىتىۋىتىشكە مەجبۇر بولدى.ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى بۈگۈنكى مۇشۇ قۇرغاق ھاۋادەكلا چۆلدەرەپ كەتتى. نەسرۇللا بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ نىمىشقا ھىچكىمگە ئىيتىپمۇ قويماي ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كەتكىنىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيتتى. ئۇنىڭ ھايات يولىمۇ مۇشۇ قۇمساڭغۇ يولغا ئوخشايتتى ،يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭالماي قىينىلاتتى. بەلكىم بۇ ھاياتتا ھىچنىمىنىڭ ئايىغى چىقمىغىنى ياخشىدۇ. بىر ئىشلارنىڭ ئايىغى چىقسا، بىر ئىشلار ئاياغلاشسا نەتىجە چوقۇم بىرەر ئەر ياكى ئايالنىڭ بەختسىزلىكى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇ بەختسىزلىككە كىم بەرداشلىق بىرەلەيدۇ؟ ... شۇڭا رۇشەنئاي ھاياتىدىكى ھىچنىمىنىڭ ئاياغلىشىشىنى خالىمايدۇ. ئۇ ھازىرقى مۇشۇ ھالىتىدەك تىت-تىت بولۇپ،چىڭقىلىپ، خۇرسىنىپ،چاڭقاپ ياشاشقا رازى ....
نەسرۇللا چۈش كۆرۈشكە باشلىدى. چۈشىدە قۇملار گويا سۈزۈك سۈدەك شىلدىرلاپ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆي تەرەپكە يىقىنلاپ كەلدى.قۇملار ئوچۇق ئىشىكتىن گويا يىلاندەك سويلىنىپ كىرىپ، ھويلا ئىچىدە ئالتۇنرەڭ قۇملار جىمىرلاشقا باشلىدى.بۇ مەنزىرە شۇ قەدەر گۈزەل ئىدىكى،ئۇ ئۆمرىدە ھازىرقىدەك ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدى. بۇ گويا ئۇ تالاي يىللاردىن بىرى كۈتىۋاتقان مەنزىرە ئىدى. ئۇنىڭ ئۆتكەن ھاياتىدا ھەم بۇندىن كىيىنكى ھاياتىدىمۇ ھەتتا بۇندىن كىيىنكى چۈشلىرىدىمۇ بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنىڭ بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ھىچقاچان ھازىرقىدەك خاتىرجەم بەختىيار ھىس قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىدى. گويا ئانىسىنىڭ باغرىغا يىپىشقان بوۋاقتەك ئالتۇنرەڭ قۇملارنىڭ قوينىدا جىممىدە ياتاتتى........

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر