باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسى(3)

2015.07.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


نەسرۇللامۇ ئازراق كەيپ بولۇپ بوم ئاۋازدا ناخشا ئىيتىشقا باشلىدى. ئۇ ئادەتتە سەھنىدىمۇ بۇنداق ئازادە،قايناق ھىسسىيات ئىچىدە تۇرۇپ ناخشا ئىيتمايتتى. ئۇ سەھنىدە قايسى ھالەتتە تۇرۇپ تاماشىبىنلارنىڭ مەيلىنى تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈرۈگىگە قانداق ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا خۇدىنى يوقىتىپ بار ئاۋازى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ چۇقىرىشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن سەھنىدە ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان سەنئەتكار ئىدى. ئۇ سەھنىدە تۇرۇپ تاماششىبىنلارنىڭ بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ كۆزلىرىدە يىيىنىۋاتقان ھاياجانلىق ئۇچقۇنلارنى كۆرەتتى.بۇ ئۇچقۇنلارنى يالقۇنجىتىپ ،ئۇلارنىڭ ھاياجانلىرىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى سىھرى كۈچكە ھىچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى چوڭ-كىچىك ،ئەر-ئايال،قىرى ياش ھەممىلا ئادەم ياقتۇراتتى. ئۇ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن بولسا ھەمىشە تاماشىبىنلىرىنىڭ ئالقىش-سادالىرىغا كۆمۈلۈپ قىستاڭچىلىق دەستىدىن تىن ئالالمىغىلى تاس قالاتتى. ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ توۋلاۋاتقان قىزلارنىڭ ئاۋازى ھاۋادا ئەكىس سادا قايتۇرۇپ ئۇنىڭ بىشىنى قايدۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزەتتى.ئەمما بۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا كۆيمەيدىغان، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ياراتمايدىغان بىرلا ئايال زاتى-ئۇنىڭ خوتۇنى ئىدى. خوتۇنى نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنى مەنسىتمەيتتى. ئۇنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق داپچى،ناخشىچى دەپ كەمسىتىپ سۆزلەيتتى. ئەمما بۇ ئايال ئۇنىڭغا ئاسلاندەك ئوماق بىر جۈپ ئوغۇل-قىز تۇغۇپ بەردى. تىخى ئەمدىلا بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزى نىگارە ئۇنىڭ پۇتكۇل ھاياتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. ئۇ قىزىنىڭ كۆزىدىنلا ئۆز ئەكسىنى كۆرەلەيتتى. قىزى ئۇنى مۇشۇ زىمىنغا باغلاپ تۇرىدىغان گۈزەل پەرىشتىسى ئىدى.
ئۇ كىچىچە توختىماي ناخشا توۋلاپ چىقتى.نە ئاۋازى پۇتمىدى نە ھارغىنلىق ھىس قىلمىدى. ئۇ مۇشۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچىلىك بىخىرامان ئازاداە ئىدى. ئۇ شۇ تەرىزدە ناخشا توۋلاۋىتىپ ئەتراپقا قارىمىسىمۇ نىرىدا ئولتۇرغان رۇشەنئاي ئىسىملىك گۈزەل قىزنىڭ ئۆزىدىن كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتى. قىز ئۇنىڭدىن ئون نەچچە ياش كىچىك بولغىنىغا قارىماي ئۇنىڭغا بارلىقىنى ئاتىغانىدى. بۇ گۈزەل قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ھەتتا تىنىقلرىدىن ئوت-ئاتەش ياناتتى. ئۇنىڭغا بولغان ھىسسىياتى يانار تاغدەك شۇنچىلىك يالقۇنلۇق ئىدىكى ،نەسرۇللا ئۆزىنى ھامان بىر كۈنلەردە شۇ يالقۇن ئىچىدە كۆيۈپ پارە-پارە بولۇپ كۇكۇم تالقان بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى.ئۇ كۇكۇم تالقان بولۇپ كىتىدىغان ئەشۇ كۈننى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى....ئەمما كۈتۈشلەرنىڭ چىكى يوق ئىدى..... ئۇنىڭ خىيالىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ چىكى يوقتەك، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھىچنەرسە ئاياغلاشمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ تولىمۇ ئازاپلىق بىر تۇيغۇ ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ھاياتتىكى بەزى نەرسىلەر ئاياغلىشىشى، يەنە يىڭىچە نەرسىلەر تۇغۇلىشى ،يىڭى شەيئىلەر پەيدا بولىشى كىرەك ئىدى.شۇنداق بولغاندا ئاندىن ھاياتتا يىڭى مەنالار بولاتتى.ھايات قىزلاردەك گۈزەللىشەتتى. ....
ئۇنىڭ يۇرۇگىنى تۇيۇقسىزلا ئاچچىق ئازاپ تىلغاپ ئۆتتى.تار ئۈزۈلگەندەك ئاۋازى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆچىشى بىلەن تەڭ خىلىل ھاشىم ئۆزىنى باشقۇرالماي گۈپپىدە يىقىلدى ، كىمدۇر بىرى ئۇنى يۆلەشتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ كۆرپە ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويدى. گويا ھايات ئاخىرلاشقاندەك ئەتراپ تىمتاس بولوپ كەتتى.نەسرۇللا بۇ خىل ئاياغلىشىشتىن كۆڭلى سەل تەسكىن تاپقاندەك بولدى. بەزى ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا ئاياغلاشقىنى ياخشى بولىدىكەن دەپ ئويلىدى ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرىۋىتىپ.
كىچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاراقلاپ يىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇشۇنداق قاراڭغۇ كىچىلەرنى ياخشى كۆرەتتى.كىچە قانچىكى قاراڭغۇ بولسا يۇلتۇزلار شۇنچە يارقىن نۇر چىچىپ،كىشىگە ھوزۇر بىرەتتى.ئۇ ئىلگىرىمۇ كىچىدە قاراملىق بىلەن قىزلار ياتىقىنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدىكى يوغان قاپاق تىرەككە يامىشىپ چىقىپ تۇنجى سۆيگۈنى بىلەن ئۇچرىشاتتى. كۆزلىرى ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرىدىغان شوخ قىزمۇ ئۇنىڭ شۇ تەرىپىگە ئاشىق ئىدى. قىز دەرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ پىخىلداپ كۈلۈپ،ئۇنىڭغا قولىنى لىۋىگە تەككۈزۈپ يىقىملىققىنە سۆيۈش ھەدىيە قىلاتتى. كىيىن ئۇ قىز ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا ئۇچۇرما بولغان قۇشتەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى.تالاي يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ كۈلگۈنچەك شوخ قىزلارنىڭ قەلبىنىڭ سۇدەك سۈزۈك پاكىزە كىلىدىغانلىقىنى،كىچىكلىكىدە گۈلدەك پورەكلەپ كۈلىدىغان شۇ شوخ قىزنى ئاسانلا قولدىن بىرىپ قويغىنىنى ھىس قىلىپ يەتتى . ئۇنىڭ ئايالى ئۇنداق ئەمەس ئىدى. شۇنچىلىك ھاكاۋۇر ئىدىكى،ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش قىش پەسلىدە ئاپتاپ كۆرۈشتىنمۇ تەس ئىدى. ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ ئەشۇ ھاكاۋۇر تۇرقى ئۇنىڭغا ئىسىللىق تۇيۇلۇپ ياراپ كىتىپ ،خىلى قوغلىشىپ تەستە قولغا چۈشۈرگەنىدى. كىيىنكى يىللاردا ئۇ تەقدىرگە ئىشىنىپ قالدى. تەقدىر ئۇنىڭغا نۇرغۇن ھايات ھەقىقەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەشۇ تەلەتى مۇزدەك سوغۇق خوتۇننى ھەدىيە قىلغانىدى.
-نەسرۇللا ! قىنى سىز ؟ قەيەردە سىز ؟
رۇشەنئاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن جىمجىت كىچىدە قىزنىڭ ئاۋازى جورىسىنى چاقىرىپ چىرىلداۋاتقان چىكەتكىنىڭ ئاۋازىدەك نازۇك ئىدى. بۇ قىزنىڭ ئۆزىمۇ ھەم كۆڭلىمۇ قىلدەك نازۇك ھەم ھىسىياتقا باي ئالۋاستىدەك مەپتۇنكار گۈزەل قىز ئىدى. بۇ ئالەمدە ھىچبىر ئەر زاتى بۇنداق قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى خالىمايتتى. نەسرۇللا بۇ قىزغا مەپتۇن بولغىنىنمۇ ياكى ۋاقىتلىق ئارزۇ-ھەۋەسكە بىرىلىپ قالغىنىنىمۇ ئۆزىمۇ ئىنىق ئايرىيالماي يۈرەتتى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن قىز خۇددى ئۇنىڭ تىنىقىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا يۈرگىنى يۈرگەنىدى. بۇ گۈزەل قىز ئۇنىڭ تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ،ھىسسى دۇنياسىنى پۇتۇنسۈرۈك ئىگەللەپ تۇراتتى.
-نەسرۇللا ! نەسرۇللا ! ....
قىز ھىچنىمىدىن ھىچكىمدىن تەپتارتماي ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىقىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك مىھىر بىلەن چاقىراتتى.قىزنىڭ ئاۋازى كىچە ئاسمىنىدا نۇردەك يىيىلىپ تۇراتتى. ئۇ ئەزەلدىن قىزنىڭ مۇشۇنداق چاقىرىشىنى رەت قىلالمايتتى. قىزنىڭ ئاۋازى، تىنىقى، كۈلكىسى، كۆزلىرى، مىڭىشلىرى،سەھنىدە گويا ئۇچىۋاتقاندەك ئۇسۇل ئويناشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا رەت قىلغۇسىز تەڭداشسىز سىھرى كۈچكە ئىگە ئىدى.....
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىرىپ خىلىل ھاشىمنىڭ بايا ياتقان يىرىدە چوقچىيىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۆيدىكىلەر چىقىپ كەتكەن بولۇپ چىراغ ئۆي ئىچىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى.
-نەگە كەتتىڭ ئۇكامۇي! –دىدى خىلىل ھاشىم غادۇر-غۇدۇر ئاۋازدا –سىنى ئىزدەپ چىقاي دەپ تۇراتتىم،ئەمما بىشىم ئىغىرلىشىپ ئۆزۈمنى پەقەت كۆتۈرەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.
-بايا بەك پىقىراپ ئۇسۇل ئوينىدىڭىز شۇڭا بىشىڭىز قىيىپ كەتكەن گەپ ئاكا –دىدى نەسرۇللا –ئازراق ئۇخلىۋالسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز ،ئازراق ئۇخلىۋىلىڭ!
-مەن ئۆيۈمگە كىتىپ ئۇخلايمەن-دىدى خىلىل ھاشىم ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ –سىنىمۇ بىللە ئەكىتەي دەپ ساقلاپ تۇرغانمەن.يۇر، بىزنىڭ ئۆيگە كىتىمىز. ساڭا مەنمۇ پاقلان سويىمەن .شۇ پاقلاننىڭ تىرىسىدە ساڭا تۇماق تىكىپ بىرىمەن.
-بولدى رەھمەت،خىلىلكا !-دىدى نەسرۇللا كۈلۈپ –كىلەر قىتىم بولسۇن! مەن ھازىر شەھەرگە قايتمىسام بولمايدۇ. باشقا بۇرادەرلەرمۇ چىققان ، ئۇلار بىلەن بىللە ...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر