- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىتسۇبىشىنىڭ بالدۇرراق يارىشىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى
2015.07.30 14:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى خىرانو نوبۇخىتو تۈنۈگۈن ناگاساكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مىتسۇبېشى ماتېرىيال شېركىتىنىڭ جۇڭگولۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەمگەكچىلەر بىلەن يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىرا نوبۇخىتو شۇ كۈنى ناگاساكى شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ئەينى يىللىرى ناگاساكىدىكى مىتسۇبېشى كانچىلىقىغا قاراشلىق ئۈچ كۆمۈر كاندا 800 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىدى، ئۇلار مەن تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش تەشكىلاتى-ناگاساكى مىشىما بىرلەشمە جەمئىيىتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ جۇڭگولۇق ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگولۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەمگەكچىلەردىن ھايات قالغانلىرى ناھايىتى ئاز قالدى، مىتسۇبېشى دائىرىلىرى ۋە جۇڭگولۇق ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ بالدۇرراق يارىشىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر