باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.07.30 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇل خەلق سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىشى ۋە تولۇقلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈشكۈل بولىۋاتقان، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن بولىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئۇل تېشىنى پۇختىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئۇل مۇئەسسەسە، ساياھەت، ئادىمىيەت، يەرلىكلەر ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى رامكىسىدا يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور تېمىلاردا تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئەردوئان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىز پات ئارىدا تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئەردوئان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللايدۇ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق جۇڭگوغا قارىتىلغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ھەقتە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ،تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ كاشىلا قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئەردوئاننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردوئان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر