باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيىدە سەلبىي تىپلارغا باغلاش ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىش كېرەك

2015.07.28 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تېمىسىدىكى مەخسۇس تەربىيە ۋە ئۆگىنىشتە، جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا، سۇ رۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىنى سەلبىي ماتېرىيال قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى بىلەن سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ھاكىم-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە يەكۈنلەشكە، ساۋاق ئېلىشقا، ئىبرەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىل جەھەتتە ھەقىقىي چىڭىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ بۇ دېلولارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇنىڭ تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنىڭ پارتىيەنىڭ پرۇگراممىسى، ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇتۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە بىلەن ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سەلبىي تىپلاردىن ساۋاق ئېلىپ، ئەيمىنىشنى، تۆۋەن چەكنى بىلدۈرۈپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى بىلەن سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ بىردەكلىكىنى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر