باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسى(2)

2015.07.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ئۇنىڭ بوزرەڭ كۆز قارچۇقلىرىدا يۇمران بىر نۇر يىيىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تۇرقى گويا تەڭتۈشلىرى بىلەن قونچاق ئويناپ ئولتۇرغان سىرىق كىيىم كىيىۋالغان كىچىككىنە قىزچاققا ئوخشايتتى. نەسرۇللانىڭ ئىسىگە بىردىنلا ئەمدىلا بەش ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزى نىگارە كەلدى. بۇ قىز تىخىچە ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەيتتى. نەسرۇللا ئۆيدە بولغانلىرىدا ئاپپاق يۇمران مەڭزىنى دادىسىنىڭ ساقاللىق مەڭزىگە سۈركەپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كىتەتتى.
-ياق راخمانكا بۇنى سويمايلى بولدى. قوي سويىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىلا -دىدى ئۇ گويا بىرى ئالدىراتقاندەك ئىتتىك –ئىتتىك سۆزلەپ – كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بوپتۇ.شۇڭا بۇ يۇرتقا كىلىپلا سىلە بىلەن كۆرۈشكۈم كىلىپ كەچ بولسىمۇ چىقىشىم..بۇنداق ئاۋارە بولىمەن دەپ تۇرىۋالسىلا مەن ھازىرلا قايتىمەن....
ئۇنىڭ پوپۇزىسى راخمان ئىمىنغا كىچىككىنەمۇ كار قىلمىدى.
- كەلمەك ئىرادە ،كەتمەك ئىجازەت دەپتىكەن ئىنىم، مەن ئىجازەت بەرمەي تۇرۇپ بۇ ئۆيدىن بىر قەدەممۇ سىلجىمايسىز –دىدى ئۇ تىخىمۇ ئاشۇرۇپ پوپۇزا قىلىپ – قىنى دۇئا بىرىڭ! بۇ تىخى يىڭى چىشىگەن پاقلان، گۆشى بەك مەزىلىك چىقىدۇ...
نەسرۇللا پاقلاننىڭ كۆزىگە قايتا قارىغىنىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ئاچچىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ بوزرەڭ چوڭ كۆزلىرى باياتىنقى مۇلايىم رايىش قىزچاقنىڭ كۆزىگە ئەمەس ،ئاچچىقى يامان تىرىككەك خوتۇنىنىڭ ئاچچىق ھەم مەنسىتمەسلىك بىلەن تىكىلىدىغان كۆزلىرىگە ئوخشايتتى.
-مەيلى ئەمىسە ،ئىختىيارلىرى-دىدى ئۇ پاقلاننىڭ كۆزلىرىگە قايتىلاپ قارىمايلا.
گۆش يىيىلىشكە باشلىغاندا پاقلاننىڭ باياتىنقى چىرايلىق كۆزلىرى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلغان ئىدى.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىھمانلار ! - خىلىل ھاشىم بىر تال يوغان تاۋۇزنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ جاۋغىيىدا كۈلكە،كۆزلىرىدە تارتىنىش بار ئىدى.
نەسرۇللا ئۇنى كۆرۈپ قوللىرىنى سۈرتىۋىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قول سىقىشىپ كۆرۈشتى.
-بايا سىز كەلگەندە مەن چايخانىنىڭ ئالدىدا ئىدىم –دىدى ئۇ ياش يىگىتلەردەك قىزىرىپ خۇشال ھالدا سۆزلەپ – سىزنى شۇمۇ-ئەمەسمىدۇ دەپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي خىلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. يۈزۈمنىمۇ چىمدىپ باقتىم. ئۆيدىن بىرەرسى چىقسا سورارمەن دەپ ئىشىك تۇۋىدە ساقلىدىم. ھىچكىم چىقمىدى. ئاخىرى بولالماي ئۆزۈم ئۈسۈپلا كىرىۋەردىم مانا.... ھەيدەپ چىقاسا چىقىپ كىتەرمەن دەپ.....
نەسرۇللا ئۇنى تارتىپ ئەكىلىپ يىنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك خۇش بوپ بولۇپ كەتكەن تۇرقىغا ،ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن ساقاللىرىغا قاراپ كۈلدى.
-ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، سىز يەنە ئۆزگەرمەپسىز ئاكا –دىدى نەسرۇللا يىرىم چاقچاق يىرىم ئەيىپلەش ئاھاڭدا – شۇنچە يىللاردىن بۇيان ساقىلىڭىزنىمۇ ئالماپسىز. قاراڭ تۇرقىڭىزغا ،ساقاللىرىڭىز ئۆسۈپ خوتۇنىڭىزمۇ ياراتمىغۇدەك بوپ قاپسىز...
-شۇڭا خوتۇنى ئۇنى تاشلاپ كەتتى –دەپ سۆزگە ئارىلاشتى بىرى –ئىلگىرى خوتۇنى بار چاغدىمۇ شۇنداق ئىدى.ھازىرمۇ تۇرغان تۇرقى شۇ.
خىلىل ھاشىم ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغاندەك بىخىرامان سەبىلەرچە كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.
خىلىل ھاشىم قورسىقىم توق دەپ گۆشكە قول ئۇزاتمىدى.پەقەت سۇنۇلغان بىر چىنە دوغاپنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىپ،چىرايىدىكى ھاياجاندىن پەيدا بولغان قىزىللىقنى سەلگىنە باستى. ئۇنىڭ بۇنداق خۇشال بولغانلىقىنى،بۇنداق ھاياجانلىق تۇرقىنى مەھەللىدىكى ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى سوقۇشقاق خورازدەك مەيدىسىنى كىرىپ،قايسىبىر قىلىقلىرى بىلەن كۆزىگە سىغمايلا قالغان كىمدۇر بىرىگە ھۈرپىيىپ، كىمنىدۇر ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ يۈرەتتى. نەزىرىدە ئۇ بۇ يەردىكى ھىچكىمنى ياراتمايتتى. ئەينى يىللىرى ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئوغۇل بالىدەك نوچى مىجەزىگە كۆيۈپ قىلىپ يىراقتىكى ئاتا-ئانىسىنى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى تاشلاپ كەلگەن چىرايلىق خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن چىداپ ئون نەچچە يىل ئۆي تۇتۇپ،ئاخىرى ئۈچ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ، كىۋەز تىرىپ پۇل تىپىشنى باھانە قىلىپ يۇرتىغا بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنىدى. ئۇنىڭ خىلى كۆيۈمى بار بىر ئىنىسى بار ئىدى. ئاكىسىغا بىر ئاماللاپ خوتۇنىنىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋىلىشنىڭ گىپىنى چىقىرا-چىقارمايلا خىلىل ھاشىم ئىنىسىنى تىللاپ پۇسكايتىپ يولغا سالدى.نەچچە يىل ئۆتۈپ خوتۇنى بىللە ئىلىپ كەتكەن چوڭ قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ يۇرتتا پەيدا بولىۋىدى خىلىل ھاشىم بۇقىدەك ھۆكۈرەپ ،خوتۇنىنى ئۇرۇپ سۈر-توقاي قىلىپ،ھەتتا غەزەپ-ئاچچىقىدا ئانىسى بىلەن بىللە كىتىپ بىللە كەلگەن بويىغا يىتىپ قالغان قىزىنىمۇ ئۆيگە يىقىن يولاتماي دات دىگۈزۈپ يىغلىتىپ يولغا سالدى.
خىلىل ھاشىم ئەنە شۇنداق ئادەم ئىدى. شۇڭىمىكىن مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ئانچە ئارىغا ئالمايتتى. خىلى-خىلى نوچىلارمۇ ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ يىراقتىن ئەگىپ مىڭىشاتتى. مەھەللىدىكى كالتاقساقاللارمۇ ئۇنىڭغا قالايمىقان ھۈرپىيىش تۈگۈل ئاشۇرۇپراق گەپ قىلىشقىمۇ پىتىنالمايتتى. بەزىلەر ئۇنى ئەركەك تۈكى بار نوچى ئادەم دىسە يەنە بەزىلەر زامانغا بىقىشنى بىلمەيدىغان ساراڭ دەپ تىللايتتى. ئەمما خىلىل ھاشىم خەقنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇ ھەرقانداق چاغدا مەيدىسىنى كىرىپ ،خىلى سەتەڭ ئايال زاتىغىمۇ نەزەر-گۈزىرىنى سالماي ئۆزىنى يۇرتنىڭ نوچىسى چاغلاپ يۇرگىنى يۈرگەن ئىدى.
ئۇنىڭ نەسرۇللادەك يۈز ئابرۇيلۇق ئاغىينىسى بارلىقىنى مەھەللىدىكىلەر تىخى بىلمەيتتى. بىلسە ئىدى ھەممىسى ئغىزىنى ئىچىپ ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ، ئۇنى توي-تۆكۈنلەردە ساراڭغا چىقىرىۋىتىپ ئارىغا ئالماي يۇرگەنلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىپ لەۋلىرنى چىشلىشەتتى. ئۇنىڭ پۇتكۇل ھاياتىدا پەخىرلىنىدىغان ئادىمى پەقەت شۇ نەسرۇللا ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاسادىبىلا ئاغىينە بولۇشقاندىن باشلاپ ئۆزىنى تىخىمۇ كۆكتە سانايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ئالەمدە ھىچكىم نەسرۇللادەك دوستلۇققا يارىمايتتى. ھىچكىممۇ ئۆزىدەك نەسرۇللاغا ھەقىقى دوست بولالمايتتى. ئۇ بۇ جەمىيەتتە ياشاۋاتقانلارنى بەك چۈشىنىپ يەتكىنى ئۈچۈن نەسرۇللادىن بۆلەك ھىچبىر ئادەمزاتى ئىشىنىشكە يارىمايدۇ دەپ قارايتتى ھەم ھىچكىمگە، يوقىلاڭلا بىر باھانە بىلەن تۇرمىگە كىرىپ قالغان چوڭ ئوغلى جاپپارغا ھەتتا خىلى كۆيۈمى بىر تۇققان ئىنىسى خالىققىمۇ ئىشەنمەيتتى.
-يىقىنكى كۈنلەردىن بۇيان ئەھۋالىڭىز قانداقراق ئاكا؟-دەپ سورىدى نەسرۇللا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا .
-ئەھۋالىم ياخشى ئۇكام–دىدى خىلىل ھاشىم ئەركەك ھەرىنىڭكىدەك غۇڭۇلدىغان ئاۋازدا –يەرنى تاشلاپلا بىرىۋىدىم قۇلىقىم تىنجىدى. دادام ئۈگەتكەن كونا ھۈنىرىمنى قىلدىم. ئارتۇقچە پۇلۇممۇ ھەم غىمىممۇ يوق. ئەممازە ئوغلۇم تۇرمىدە ياتىدۇ......ئوغلۇم يۇۋاش بالا ئىدى. يۇۋاشلىقىدىن ئۇنى يوقىلاڭلا سەۋەپ بىلەن سولاپ قويۇشتى. ئەپچىقىۋىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىمەن....
نەسرۇللا ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.ئەمما ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. ئۇ بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ قىلدەك نازۇكلىقىنى بىلەتتى.
بۇ ئۆيدە كىچىچە مەشرەپ بولدى. خىلىل ھاشىم ئازراق كەيپ قىلىۋىلىپ سورۇندىن چۈشمەي ئۇسۇل ئوينىدى. بۇ مەھەللىدە ھىچكىممۇ خىلىلنىڭ ئۇسۇل ئوينىغىنىنى ،ئوينىغاندىمۇ بۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغىنىنى كۆرمىگەنىدى.ھەممىسى ئۇنىڭ گويا يىڭى تويى بولغان يىگىتتەك قىزىرىپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈپ، ھاياجانلىنىپ، غۇلاچلىرىنى كەڭ يىيىپ،گۈس-گۈس دەسسەپ ئۇسۇل ئويناشلىرىنى كۆرۈپ ئاغزىلىرىنى ئىچىشىپ ھاڭ-تاڭ قىلىشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر