باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسى(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خىلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسىگە يىرىم دەريادىن ئۆتۈپ ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ. يېرىم دەرياغا تۇتىشىدىغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل قۇمساڭغۇ توپا يول يىلاندەك تولغىنىپ دەريا بويىغا يىتىپ كەلگەندە يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ دەريا ئىقىمىغا ئەگىشىپ يىراقلارغا سوزۇلۇپ كىتىدۇ. بۇ يولدا ئىشەك ھارۋىلىرى بىخىرامان ئەللەيلىنىپ ماڭغىنى بىلەن خىلى مەزمۇت ماشىنىلارمۇ ئىغاڭشىپ ئاران ماڭىدۇ. ماشىنىنىڭ كەينىدىن توزۇپ چىققان توپا-چاڭ يول بويىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى، پاكار سىلىنغان زومچاق-زومچاق ئۆيلەرنى تۇماندەك ئوراپ ،مۇشۇ ئۆيلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ تىنىقلىرىغا تۇيدۇرماي سىڭىپ كىرىدۇ......
يىرىم دەريا بويىدىكى توپىلىق يولدا Mirsidissماركىلىق قارا رەڭلىك بىر ماشىنا توپا توزۇتقىنىچە ئاستا چايقىلىپ كىتىۋاتاتتى. ئىيۇل ئىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى دىمىق ئىسسىق بولغىنىغا قارىماي توپا-چاڭ دەستىدىن ماشىنا دەرىزىسىنى ئاچقىلى بولمىغىنى ئۈچۈن دەرىزە سىرتىدىكى ھەممە نەرسە بىر غۇۋالىق ئىچىدە قالغانىدى. گويا بۇ زىمىن تۇمان ئىچىدە يىڭىلا ئاپىرىدە بولۇنغاندەك، ئۆزىنىڭ باغرىدا تەستە كىتىۋاتقان قارا رەڭلىك مەخلۇققا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قىلىۋاتقاندەك ،ماشىنىدا ئولتۇرغانلارمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىن تولىمۇ يىراقتىكى ئىپتىدايى بىر زىمىندا كىتىۋاتقاندەك ياتسىرىغاندەك تۇيغۇدا جىمجىت ئولتۇرىشاتتى. ماشىنىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا چىرايلىق ياسانغان بىر قىز ماشىنا دەرىزىسىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان دەريا سۈيىدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى. دەريا سۈيى لاي پىتى چالغىتىپ ئاقاتتى. ئۇنىڭدا نە كىشىنىڭ زوقىنى تارتقۇدەك گۈزەللىك،نە كۆڭۈلگە ئاراملىق بىرىدىغان سالقىنلىق تارالمايتتى. ئەمما قىزنىڭ كەيپى چاغ ئىدى .ئەتراپتىكى غۇۋالىقتىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك ھالدا ماشىنا ئۈنئالغۇسۇدىن چىقىۋاتقان يىقىملىق ناخشا ئاۋازغا قۇلاق سالغىنىچە سۈرمە سۈرۈلگەن چىرايلىق كۆزلىرىنى سۈزۈپ،لەۋلىرىنى ھىمىرىپ قوياتتى. ناخشا ئاۋازى ماشىنا ئىچىدە لەرزان لەيلەپ تۇراتتى. بۇ مۇڭ بىلەن ئىيتىلغان يۈرەككە تىگىدىغان خەلق ناخشىسى ئىدى.

ﻳﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭ ﺑﺎﻏﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺳﺘﻪﮔﯜﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺸﻪﻡ،
ﺑﺎﺩﻩﺋﻰ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﺳﻪ ﻣﯘﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺸﻪﻡ.
ﻧﺎﮔﻪﻫﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﺩﻩﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺵ ﺋﯩﺘﯩﭗ
ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺮﻩ-ﻗﻪﺗﺮﻩ ﺋﻪﺷﻜﻰ ﻣﯘﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺸﻪﻡ.
ﺟﻪﺯﺑﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﺎﺩﻩﺋﻰ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﻪﻳﭙﯩﺪﻩ،
ﺳﻪﺟﺪﻩﺋﻰ ﺷﯜﻛﺮﺍﻧﻪﻏﻪ ﺑﺎﺷﯩﻤﻨﻰ ﻗﯘﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺸﻪﻡ.
ﺧﺎﻧﯘ ﻣﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻴﺴﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ،
ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺸﻪﻡ.


ناخشىچىنىڭ مۇڭ ئارىلاشقان بوم ئاۋازىدىن بىر قىزنىڭ ئىشىق-پىراقىدا ئوت بولۇپ يىنىۋاتقان ئاشىق يىگىتنىڭ ئاتەش نەپەسلىرى بالقىپ تۇراتتى. ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدا شۇنداق بىر سىھرى كۈچ بار ئىدىكى ،مۇزىكىنىڭ سىھرىدىن قىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى شۇررىدە ئىرىگەندەك ئىختىيارسىز –ئۇھ تارتىپ قويدى.
ماشىنا كىچىككىنە بىر بازار ئىچىدە توختىدى. بۇ خىلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسىگە ئانچە يىراق بولمىغان كىچىككىنە بازار ئىدى.بازار ئاسمىنىدا كاۋاپدانلاردىن چىقىۋاتقان ئاچچىق ئىس لەيلەپ يۇرەتتى. ئاللىبۇرۇن گۇگۇم چۈشكىنىگە قارىماي كىچىككىنەمۇ شامال يوق،ئەتراپتىن يەنىلا تىنجىق توپا پۇرىقى كىلەتتى. بازار ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنىدىكى چىراقلار پىلىداپ يىنىپ ، بۇ قۇرغاق زىمىندا بىر توپ ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن بىخىرامان تىپىرلاپ يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
ماشىنىدىن ئەڭ ئاۋۋال رۇشەنئاي ئىسىملىك چىرايلىق قىز ،ئاندىن كەينىدە ئولتۇرغان ئىككەيلەن چۈشتى. ماشىنىنى ھەيدەپ كىلىۋاتقان نەسرۇللا ماشىنىنى يولنىڭ ياقىسىغا توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشكىنىدە بازاردىكىلەر ئۇنىڭ چىناردەك ئىگىز قاملاشقان قامىتىگە ھەم ئۇزۇن قويىۋالغان چاچلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قىلىشتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق قاراشلىرىغا ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ كەتكەن ئىدى. كىشىلەرنىڭ ھەۋەس ياكى ھەسەت بىلەن ۋە ياكى دۇشمەنلىك بىلەن قاراشلىرىغا ئەزەلدىن پەرۋاسىز ئىدى. مۇبادا ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلغان بولسىدى ئاللىبۇرۇن بۇ يۇرتنى تەرك ئىتىپ تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە يالغۇز ياشاشنى تاللىغان بولار ئىدى.....
مىھمانلار بازار ئوتتۇرسىغا جايلاشقان چايخانا ئالدىغا كەلگەندە بوي-تۇرقى كىۋەز شادىسىدەك چاققان ،چىرايىنى كۈلكە قاپلىغان بىر كىشى مىھمانلارغا قاراپ ئۆز –كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قارىدى ئاندىن غۇلىچىنى كەڭ يىيىپ نەسرۇللانىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم راخمانكا !-دەپ سالام قىلدى نەسرۇللا .
راخمان ئىمىننىڭ كۆزلىرى كۈلكىدىن پۇرلىشىپ كەتتى. ئۇ چايخانىسىدا چاي ئىچىۋاتقانلارنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قىلىشقانلىرىنى كۆرۈپ خۇددى ئويۇنچۇقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان كىچىك بالىدەك قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا توختىماي كۈلۈمسىرەيتتى.
-قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سىنى ئۇكام؟ -دەپ سورىدى ئۇ ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا ،ئاندىن تىخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرىدى:
-نەدىسەن ھوي ئانىسى ! تىز چىققىنا ، قارىغىنا كىم كەپتۇ ؟ بىزنىڭ نەسرۇللا كەپتۇ... ئەزىز مىھمىنىمىز كەپتۇ..تىز بول ،مىھمانخانا ئۆيگە كۆرپە سىلىپ تەييار بول !
ئاق يۈزلۈك ،پومسىلاق چىرايلىققىنا بىر ئايال يەڭگىل ئايىغى بىلەن دەرۋازا تۈۋىدە پەيدا بولۇپ مىھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
-قىنى مىھمانلار ئۆيگە كىرىلى...-دىدى ئايال چىنىدەك سۈزۈك ساز ئاۋازدا –ئەتىگەندىن بۇيان ئوڭ قاپىقىم تارتىپلا تۇرغانئىدى. چوقۇم بىر ياخشىلىق بار دىگەنىدىم. مانا ئويلىغىنىمدەكلا ئەزىز مىھمانلار كەلدى..... ۋاي خۇدا ، قانداق قىلاي، خۇشلۇقتا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قىلىۋاتىمەن دىسە... قىنى، ئۆيگە مەرھەمەت...
ئۇلا ئۆيگە كىرگەندە تىخى بويىغا يەتمىگەن بويى ئىنچىكە زىلۋا بويلۇق ئاقپىشماق بىر قىز سۇپا ئۈستىدىكى گىلەم ئۈستىگە يىكەنداز كۆرپىلەرنى سىلىۋاتاتتى. قىز مىھمانلارغا يىنىككىنە سالام قىلىپ چىقىپ كەتتى.
تام تورۇسلىرىغا نەقىش چىكىلگەن ياسىداق مىھمانخانا ئۆي سالقىن ئىدى .
نەسرۇللا تۆرگە ئۆتۈپ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغىنىدا ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئىدى.
ئۇلار دۇئا قىلىشىپ ، مۇزدەك دوغاپتىن قانغۇدەك ئىچىپ يۇرەكلىرى سالقىنداپ ئۇزاق ئۆتمەيلا راخمان ئىمىن مويلىرى سىرىق بىر پاقلاننى يىتىلەپ كىردى.
-قىنى دۇئا بىرىڭ نەسرۇللا ئىنىم، بۇ پاقلاننى سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزگە سويىمەن..
نەسرۇللا پەگادە كۆزلىرنى مۆلدۇرلىتىپ قاراپ تۇرغان پاقلانغا قارىدى. پاقلان ھىچنىمىدىن بىخەۋەردەك قىلاتتى. ئۇ ئىگىسى بىلەن تىرەجەشمەيلا رايىشلىق بىلەن مىھمانلارغا جىممىدە قاراپ تۇراتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر