باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى بۇ يىل 16 مىليارد يۈەن ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تارقىتىدۇ

2015.07.30 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 2 مىليون 600 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچىغا 16 مىليارد يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى تارقىتىدىكەن، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9 كۆپ ئىكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇل سىچۈەن، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى 38 ناھىيە رايوننى قاپلايدىكەن .شۇ چاغدا، بۇ بانكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش مىقدارى 15 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن، قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 85 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن يۈننەن ئۆلكىسى شۈەنۋېي ئالتىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى شياۋ جاڭنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقى مەزگىلىدە ئەمەلىيلەشتى .688 يۇقىرى نومۇر بىلەن بېيجىڭدىكى مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان شياۋ جاڭ يەنە قەرز بېرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلسىلا، پۇل قەرز ئېلىپ، ئوڭۇشلۇق ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ.نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شياۋجاڭغا ئوخشاش ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 12 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنىڭ ياردىمىدە ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر