باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى تۈزىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەملىكەتلىك 2-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى

2015.07.29 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا، گوۋۇيۈەن چوڭ-چوڭ سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى 2-قېتىم چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قانات يايدۇرغانىدى. گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەتلىك 2-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، مۇناسىۋەتلىك رايون بىلەن تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل تۈزىتىشى، قاتتىق تۈزىشى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۆھلەت ئىچىدە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشىدا بەش خىل مەسىلى ئاساس قىلىندى

  مۇخبىر يېقىندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى: ئومۇمەن، جايلار، تارماقلار چوڭ-چوڭ سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى پوزىتسىيەسى قەتئىي، پىكىر يولى ئوچۇق بولۇپ، ئاكتىپ بولدى. لېكىن ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە يەنە بەزى مەسىلىلەر بايقالدى، بۇلار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە: بەزى تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى ئەتىراپلىق تەتقىق قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقمىغان، شۇڭا يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەت يەتكۈزۈش ئەھۋالى ئېغىرراق؛ بەزى تارماقلار 1-سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان، شۇڭا چوڭ-چوڭ سىياسەت ۋە تەدبىرلەر مۇناسىۋەتلىك «ئەڭ ئاخىرىقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمدە كۆڭلىدە ئېنىق سان يوق؛ بەزى تارماقلار بىلەن جايلار چوڭ-چوڭ سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دائىرلىك مەنپەئەتكىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئۆزئارا بەس سالغان.

  تۈزىتىش ئوقتۇرۇشىدا جايلار، تارماقلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن خىزمەت ئۈنۈمى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان بەش خىل مەسىلىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلار، تارماقلار كۆڭلىگە ئومۇمىيەتنى پۈكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قېيىنچىلىقتىن قاچماي، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، ئومۇمەن ئەھۋال ياخشى. لېكىن قىسمەن رايونلار بىلەن تارماقلاردا چوڭ-چوڭ سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرماسلىق، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەت سىجىللىقى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان، شۇنداقلا يەنە يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىكىلەردىن يۇشۇرۇش، ساختىلىق قىلىش، خىزمەتتە قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق ئاز ساندىكى ھادىسىلەرمۇ ساقلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر