باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2015.07.30 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋىي مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ساياھەت، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى يېڭى تايىنىش نۇقتىسى بەرپا قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى (لايىھە) سى» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، شەھەرلەردە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، پاسكىنا سۇنى چىقىرىش، ئىسسىقلىق، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا لىنىيەسىگە مەركەزلىك ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇش-دۆلەت نۇقتىلىق مەدەت بېرىدىغان چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر شەھەر تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ئاۋۋال پىلانلاپ، ئاندىن قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك. ئىككىنچى، مەملىكەت بويىچە بىر تۈركۈم يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى بويىچە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا، شەھەر يېڭى رايونى، تۈرلۈك باغچە رايونى، دائىرە بويىچە ئېچىلغان تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن يول ياساشتا ماس قەدەمدە يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇش كېرەك، كونا شەھەر رايونىدا كونا شەھەرنى يېڭىلاش، يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، دەريانى تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تۆتىنچى، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت، مەبلەغ سېلىش ياردىمى، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى مەبلەغنىڭ تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت باشقۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش-زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنى ۋە ئاھالىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش. ئىككىنچىدىن، خاسلىققا، ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش. ئۈچىنچىدىن، ساياھەت ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىلىرىنى قېزىش. تۆتىنچىدىن، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قوزغاپ، رەڭدار ساياھەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەدەت بېرىش كېرەك.

  يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ( لايىھە ) »سى ماقۇللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر