باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسى(4)

2015.07.31 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



-ياق ،ئالدىنقى قىتىم كۆرۈشكەندە سەن كىلەر قىتىم ئۆيۈڭگە چىقىمەن دەپ ۋەدە قىلغانسەن-دىدى خىلىل ھاشىم خۇددى كىچىك بالىلاردەك تىركىشىپ- بۇ قىتىم ئۆيۈمگە بارمىساڭ سىنى بۇ بازاردىن كەتكۈزمەيمەن .چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.بارغىلى ئۇنىمىساڭ باغلاپمۇ بولسا ئاپىرىمەن.....
نەسرۇللا تەڭقىسلىقتا قالدى. ئۇ بىللە چىققان ھەمراھلىرىغا –قانداق قىلىمىز ؟ -دىگەن مەنىدە قارىۋىدى،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارىڭىز-دىگەن جاۋاپنى كۆردى.
-قىنى ئەمىسە كەتتۇق !-دىدى خىلىل ھاشىم خۇشاللىقتىن لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ – ئەمىسە مەن يول باشلايمەن،مىھمانلارنى سەن باشلا...
بىرقانچە ئەر كىشى خىلىل ھاشىمنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ مىڭىشتى.
-پىيادە ماڭساق بىر ئاش پىشىمچىلىكلا يول- دىدى خىلىل ھاشىم مىھمانلارنىڭ ئالدىدا پايپاسلاپ يول باشلاپ كىتىۋىتىپ .
* * *
نەسرۇللا ئويغانغاندا ئۆزىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر ئۆيدە كۆردى. ئۇ بىر سۇپا ئۈستىدە يىقىملىق ئايالنىڭ قولىدا ئىسىل تاۋاردىن تىكىلگەن ،ئەستىرى سۈتتەك ئاپپاق يوتقاننىڭ ئىچىدە ياتاتتى. ئۆينىڭ تۈڭلىكىدىن سۈزۈك بىر نۇر دەستىسى يىيىلىپ ئۆي ئىچىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۇيقۇسىغا تولۇق قانغانىدى،شۇڭا مىڭىسى سەگەك ،بەدىنى پەيدەك يەڭگىل ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ياستۇق يىنىدىكى كۆڭلىگىنى كەيدى،ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ئايىقىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالماي يالاڭئاياغ پىتىچە ئىشىكتىن چىقتى.سۈزۈك بىر سەھەر ئۇنى گۈزەل قىزلاردەك جىلۋە بىلەن كۈتىۋالدى. ھويلىدا نەچچە مىكىيان بىر توپ چۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قاقاھلاپ مىڭىپ يۇرەتتى .ئۇلار بۇ ناتۇنۇش مىھمانغا قىزىقسىنىپ قاراپ قويۇشۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى، ھويلا ئىچىنى بۈككىدە ئۆسۈپ بويى ئاسمانغا تاقاشقان تىرەكلەر ئوراپ تۇراتتى. قۇياش نۇرى ئەشۇ تىرەكلەر ئارىسىدىن تارتىنچاق قىزنىڭ كۈلكىسىدەك چاراقلاپ تۆكۈلەتتى.ھويلا ئىچىدە سالقىن سۈزۈك بىر شامال ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ كۆڭلىكىدەك لەپىلدەپ يۇرەتتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ خىلىل ھاشىمنىڭ دەرۋازا تۈۋىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم خىلىلكا !-دەپ سالام قىلدى نەسرۇللا.
-ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم ! ياخشى ئۇخلاپسەنمۇ ؟ -دەپ سورىدى خىلىل ھاشىم.
-بەك ياخشى ئۇخلاپتىمەن-دىدى نەسرۇللا چىلەككە تۆكۈلىۋاتقان سۈزۈك سۇدىن كۆزىنى ئۈزمەي كىرىلىپ تۇرۇپ - بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ماڭا بەك ياققان چىغى، بۇنچىلىك راھەت ئۇخلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتىكەن ماڭا.. بۈگۈن بەك قىنىپ ئۇخلاپتىمەن...
خىلىل ھاشىم چىلەكنى بىر يانغا يۆتكىدى.
-قىنى ئۇكام مۇزدەك سۇدا يۈزۈڭنى يۇيىۋال! تىخىمۇ راھەتلىنىسەن –دىدى ئۇ قۇدۇق باسمىسىنى بىسىۋىتىپ .
نەسرۇللا مۇزدەك سۇدا يۇز -قوللىرىنى يۇدى.تومۇر-تومۇرلىرى راھەتلىنىپ ،ۋۇجۇدىدا ھىچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈزۈكلۈكنى ھىس قىلدى.
-سەن بىردەم ئەتراپنى ئايلىنىپ كۆرۈپ كەل ئۇكا!-دىدى خىلىل ھاشىم- سەن كەلگۈچە مەن پاقلاننى سويۇپ قازانغا سالىمەن...
نەسرۇللا ھەرقانچە تۈزۈت قىلسىمۇ خىلىل ھاشىمنىڭ ئۇنىمايدىغانلىقىنى بىلەتتى،شۇڭا ئارتۇقچە تىركەشمەيلا –ماقۇل-دەپ بىشىنى لىڭشىتتى.
-مەن بىلەن بىللە ماڭغان ئاغىينىلەر قىنى ؟ -دەپ سورىدى نەسرۇللا ئاخشامقى بىللە ماڭغانلا تۇيۇقسىز ئىسىگە كىلىپ .
- مەنمۇ ئۇقمىدىم-دىدى خىلىل ھاشىم ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ھەيران بولغىنىنى بىلدۈرۈپ –ئاخشام خوشلۇقتا ئالدىمغا قاراپ ئىسقىرتىپ مىڭىۋىرىپتىمەن. بىر چاغدا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ كەينىمگە قارىسام پەقەت سەنلا بار. باشقىلار مىڭىپ بولالماي كەينىگە يىنىپ كەتكەن چىغى...
نەسرۇللا ئارتۇقچە گەپ قىلماي –ھىچقىسى يوق –دىگەن مەنىدە كۈلۈپ قويدى.
خىلىل ھاشىم بۇدرە مويلىرى بەكلا چىرايلىق بىر پاقلاننى سويۇش ئۈچۈن گىلىغا پىچاق سۈرىۋاتقاندا نەسرۇللا سۇۋادان تىرەكلەرنى بويلاپ مەھەللە ئىچىنى ئاستا ئايلىنىپ يۇرەتتى. ئۇنىڭ يىنىدىن بىر ئىشەك ھارۋىسى غىچىرلاپ مىڭىپ ئۆتۈپ كەتتى. ھارۋا ئۈستىدىكى بوۋاي گويا ئۇنىڭ بىلەن كونا تونۇشتەك قىزغىن سالام قىلىپ ھارۋىسىغا چىقىۋىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
-بازارغا ماڭغان بولسىلا ئالغاچ كىتەي ،پىيادە مىڭىپ بىرىپ بولالمايلا ئۇكام –دىدى ئۇ ئادەم.
-بازار بۇ يەردىن يىراقمۇ؟ -دەپ سورىدى نەسرۇللا ئاخشام خىلىل ھاشىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بەكلا ئۇزۇن يول يۇرگىنى ئىسىگە كىلىپ .
-خىلى يىراق ،ئىككى ئاش پىشىمچىلىك يول –دەپ جاۋاپ بەردى بوۋاي.
ئۇنىڭ ئىسىگە ئاخشام خىلىل ھاشىمنىڭ بىر ئاش پىشىمچىلىق يول،پىيادە بىردەمدە بىرىپ بولىمىز دىگىنى ئىسىگە كىلىپ كۈلگىسى كەلدى.
يوللار قۇمساڭغۇ توپا ئىدى. توپىدىن ئىسسىق ئۆرلەپ تۇراتتى.ئەمما تىرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يوللارنىڭ ھەممىسىدە سالقىن شامال ئەپچىللىك بىلەن ئەگىپ،يۈرەكلەرنى راھەتلەندۈرەتتى.نەسرۇللا بۇ مەھەللىدە نەچچە ئۆيلۈكلا ئادەم بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.شۇنچە كەڭرى يەر،بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن ئورالغان كۇجۇم مەھەللە يىتىم بالىدەك تاشلىنىپ قالغان ئىدى. نەسرۇللا مىڭىپ-مىڭىپ ھەھەللە سىرتىغا چىقىپ قالدى. مەھەللە سىرتىدا بىر چەكسىزلىك سوزۇلۇپ ياتاتتى. قۇم بارخانلىرى بىر قارىسا گويا مۇشۇ يۇرتقا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن لەكمىڭ-لەكمىڭ ئەسكەرلەرلەردەك ھەيۋەتلىك ھەم شەپقەتسىز كۆرۈنەتتى. يەنە بىر قارىسا گويا توزغۇپ تۇرغان چاچلىرىنى يىيىپ، باغرىنى ئىچىپ يالىڭاچ پىتى ياتقان نازاكەتلىك ئايالغا ئوخشايتتى. ئاسمان بىلەن زىمىن ئوتتۇرسىدىكى بۇ چەكسىز قۇملۇقتا بەكلا مۇڭلۇق ئاۋازدا ئىيتىلغان بىر ناخشا يىيىلىپ تۇراتتى. بۇ ناخشىنى ئىنسان بالىسىنىڭ دوراپ ئىيتالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
نەسرۇللا مىزىلىك پاقلان گۆشىگە ئىغىز تەگدى. خىلىل ھاشىمنىڭ خۇددى ئايال كىشىدەك ئەپچىللىك بىلەن ئۇن يىيىپ ئۈگرە ئەتكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
-ئايالىڭىز يوق،تاماقنىمۇ ئۆزىڭىز ئىتىدىغان بولۇپ كەتتىڭىزما خىلىلكا ؟ -دەپ سورىدى نەسرۇللا ئۇنىڭغا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ.
-ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلىمەن، كىيىمىمنىمۇ ئۆزۈم يۇيىمەن-دىدى خىلىل ھاشىم ئۈگرە ئاشنى قاچىغا ئەپچىللىك بىلەن ئۇسىۋىتىپ- ئىلگىرى قۇلۇم-قوشنىلار تاماق سۇناتتى. كىرلىرىمنى كىلىن بالىلار يۇيۇپ بىرەتتى. ئەمدى ئۇلار بىر-بىرلەپ بازارغا كۆچۈپ كىتىشتى. ئۇ ئىشلارنى ئۆزۈم قىلماي ئامال بولمىدى.ئاستا-ئاستا ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلىدىغان بولدۇم. مەن تىخى سۈتمۇ سىغىمەن....
-نىمىشقا بۇ مەھەللىدە ئادەملەر ئازلاپ كەتتى؟-دەپ سورىدى نەسرۇللا مەھەللىنىڭ چۆلدەرەپ قالغان ھالىتىگە ھەيرانلىق ھىس قىلىپ .
-نۇرغۇن يەرلەرنى قۇم بىسىپ كەتتى . بىر كىچىدىلا ،خۇددى زامان ئاخىر بولغاندەك –دىدى خىلىل ھاشىم ئۇزاق زامانلاردىكى ھىكايىنى سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك بىخىرامان سۆزلەپ -- تۇيمايلا قالدۇق، مەھەللە سىرتىدىكى نەچچە ئۆيلۇكمۇ قۇم ئاستىدا قىلىپ، تاس قالدى مىنىڭ ئىنىممۇ ئايالى بىلەن ئۆلۈپ قالغىلى . شۇ قورقۇنچتا ئۇلار تۇشمۇ-تۇشتىن بازار تەرەپلەرگە يۆتكىلىپ كىتىشتى. ھۆكۈمەتمۇ بىزگە قۇملۇقتىن يىراق بىر چۆللۈككە مەھەللە قۇرۇپ بىرىۋىدى بەزىلەرشۇ يەرگە كەتتى. يەنە بەزىلەر ئۇ چۆللۈككە كۆنەلمەي قايتىپ كەلدى .ئەمما مەن مۇشۇ قۇملۇققا ئاشىق.ھىچيەرگە كەتمىدىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر