باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۈندىدار «پاكلىك سىنىقى» چەمبىرەكتە قىززىدى

«بەش بىر» مېخانىزمى قۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى-قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كۈچەيتىلدى

2015.07.30 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېقىندا «پارتىيە ئىنتىزام-بەلگىلىمىلىرى سىنىقىغا توغرا جاۋاب بېرەلىدىڭىزمۇ؟» ناملىق ئۈندىدار ئۇچۇرى دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى، بۇ ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئورگان ئۈندىدارى «پاختا شەھىرى پاكلىق ئىستىلى» سىناق يولغا قويغان پاكلىق بىلىملىرىگە جاۋاب بېرىش سەھىپىسى بولۇپ، بۇ سەھىپە سىناق يولغا قويۇلغان بىر مەزگىلدىن بۇيان ھەركۈنى جاۋاب بېرىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزدىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزام-قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «پاختا شەھىرى پاكلىق قۇرۇلۇشى» ئۈندىدار سۇپىسى «ھەركۈنى بىر سوئال» سەھىپىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، «پاكلىق قانۇن-تۈزۈم بىلىملىرى» سوئال ئامبىرىدىن ھەركۈنى بىر سوئالنى تاللاپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەركۈنى بىردىن سوئال ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بىلىملىرى ئۆگىنىشنى كۈچەيتتى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە ماسلاشقان مىكرو تەربىيە پارتىيەلىك كادىرلاردا زور قىزىقىش پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە نۇرغۇن تورداشلارمۇ بەس-بەستە جاۋاب بەردى، ھەمدە تارقىتىپ ھەمبەھىرلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر