باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ياشلىق جۇڭگو ئارزۇسىغا يىتىش مۇساپىسىدە نۇر چاچقۇسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ياشلار ۋە ياشلار خىزمىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2015.07.24 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىنقىلابنىڭ ھەر بىر تارىخىي باسقۇچىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى ياشلارغا باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلاردىن سەمىمى ئۈمىد كۈتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلىشى، تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارنىڭ پائالىيىتىگە بىر نەچچە قېتىم قاتنىشىپ، ياشلار بىلەن سىرداشتى، ياشلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  يولنى توغرا ماڭسىڭىز، بولۇر ئارمانسىز ياشلىقىڭىز --- پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەلىمى زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى يارىتىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردىقانداق قىلغاندا ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ؟ بۇ ھەر بىر ياشنىڭ قەلبىگە پۈكۈلگەن سۇئال. تارىخ ۋە رىئاللىق شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ياشلار غايىلىك، دادىل بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولىدۇ.

  «كىشلىك غايىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا سىڭدۈرگەندىلا، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.»2013- يىلى 4- ماي ياشلار بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئارخىلوگىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنىستىتۇتى 2009- يىللىق تولۇق كۇرس ئىتتىپاق ياچېيكىسىدىكى بارلىق ساۋاقداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  ھاياجانلىق ھېسلار تولغان جاۋاب خەت خۇددى شەبنەم تامچىسىدەك چاڭقىغان دىللارنى قاندۇردى. باش شۇجىنىڭ مەدىتى بىلەن كۆپچلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، بېغىشلاش، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى، تايانچ تۆۋرۈكى بولۇشقا ئىرادە باغلىدى.

  كۈرەش قاينىمىغا چۆمگەن ياشلىق، قەيسىرانە كۈرەش قىلىدىغان ياشلىق، خالىسانە بېغىشلايدىغان ياشلىق، مەنىلىك،مىھىر مۇھەببەتلىك، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، ئارمانسىز ياشلىقتۇر. ئەينى چاغدا 16 ياشقا توشمىغان شى جىنپىڭ شەنشى شىمالىي تۆپىلىكتە زىيالىي ياش بولۇپ تۇرغان، يەنشۇن ناھىيە لياڭجياخې ئەترىتىدە يەتتە يىل ئىشلىگەن. ئاشلىق تېرىش، كۆمۈر توشۇش، توغان تارتىش، گەندە توشۇش.... ئۇ ھەممە ئىشنى قىلىپ باققان، تارتمىغان جاپاسى قالمىغان، يۇرتداشلار بىلەن جاپا ۋە ھالاۋەتتە بىللە بولغان.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوخشىمىغان ياشلار تەشكىلاتىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز تەسراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياشلىق تىلەكلىرىنى چوڭقۇر مەنىلىك سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن تولدۇرغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياتىي پائالىيىتى ۋە ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق، كىيىنكى ئەۋلادلارغا زور ئىلھام ۋە تەلىم بەرگەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە چۈشىنىشلىك سۆزلىرى بىلەن ياخشى يېتەكچىلىك قىلغان، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مەدەت بەرگەن ۋە تەلىم بەرگەن.

  شى جىنپىڭ ياشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ياخشى تەلىم بەرگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر