باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئەنئەنىۋى ماتور»نىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتايلى

2015.08.10 16:13   مەنبە: خەلق تورى

«ئەنئەنىۋى ماتور»نىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتايلى

  جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدىكى يوچۇق يەنىلا ناھايىتى چوڭ

  زۇڭلى لى كېچياڭ 2015-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا ئالاھىدە تەبرىك سۆزى قىلغاندا: تۈنجى قېتىم «ئەنئەنىۋى ماتورنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم نۇقتا−جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىش» بىلەن «يېڭى ماتور ياساپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ھەممىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «قوش ماتورى» دېگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

  2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا، زۇڭلى لى كېچياڭ شىۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئالاھىدە تەبرىك سۆزى قىلغان. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بۇ نۇتۇقتا، جۇڭگو زۇڭلىسى تۈنجى قېتىم «ئەنئەنىۋى ماتورنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم نۇقتا−جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىش» بىلەن «يېڭى ماتور ياساپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ھەممىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «قوش ماتورى» دېگەن.

  چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: ئەنئەنىۋى «ئۈچ ئات ھارۋىسى»نى تەكىتلىگەندىن «قوش ماتور»نى تىلغا ئالغىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە نازۇك ھەم دەل ۋەقتىدا ئۆزگۈرۈش بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  ئارقىدىن، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا «ئەنئەنىۋى ماتورنى ئۆزگەرتىش»كە زىچ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

  2015-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ ياساش، شۇنداقلا يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى؛

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش. جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۆپەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى؛

  6-ئاينىڭ 17-كۈنى، نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم روللىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى؛

  7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان 100-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قەدەر، شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا-كارىدور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قامائەت مەھسۇلاتى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ بىر قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئەستايىدىل تەكىتلەپ: «بىزنىڭ دائىم ئىتقىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، دېيىشىمىزگە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەب بولدى، لېكىن، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جامائەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدىكى يوچۇق يەنىلا ناھايىتى چوڭ» دېگەن.

  لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تارماقنىڭ مەسئۇللىرىنى ئەسكەرتىپ: ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يەنە قانداق يېتەرسىزلىكلەر، تولۇقلاشقا تىگىشلىك قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بۇ ئېھتىياجلارنى تېپىپ چىقىپ، تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دېگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ