‹‹سودېلور›› ناملىق تەيفېڭ بورىنى فۇجيەن ئۆلكىسىگە ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كەلدى. مۇخبىرنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇدائىپەلىنىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹سودېلور›› سەۋەبىدىن فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان. فۇجيەن ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى ‹‹سودېلور››نىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىگە بولغان تەسىرى 10-ئاۋغۇست ئاساسەن ئاياغلاشقان، ئەمما قالدۇق تەسىرى يەنىلا بار بولۇپ، بىر قىسىم جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان.