باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇۋ يۈنشەن بېيدەيخېدا دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى

2015.08.06 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيدەيخې، 5-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇۋ يۈنشەن 5- ئاۋغۇست بېيدەيخېدا دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى ھەم كۆپچلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋەكالىتەن مۇتەخەسىسلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى بىر خىل تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. 2001- يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 15 تۈركۈمدە 800 نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىمنى دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان، بۇ يىل 54 كىشى دەم ئېلىشقا كەلگەن.

  سۆھبەتتە نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ پىڭكەي، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە پەن- تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ۋېي، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يىفاڭ، خېنەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ شىنيۇ، خۇبېي سانائەت ئىنىستېتۇتىنىڭ پىروفېسسورى تاڭ ياجيې، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ پېييۇڭلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ئەھۋالى، ئالماشتۇرۇش خىزمىتى تەسراتى، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر