8-ئاۋغۇست ساقچىلار تۈركىيەنىڭ غەرىبىدىكى بالىكېسىر ئۆلكىسىدىكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ غەرىبىدىكى بالىكېسىر ئۆلكىسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، 9ئادەم قازاقىلغان،30ئادەم يارىلانغان بولۇپ،قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سۈرىيەلىكلەر ئىكەن. تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بالىكېسىر ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە مېڭىۋاتقاندا، رېشاتكىغا سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، 8ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، بىر ئادەم دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، 30ئادەم يارىلانغان، يارىلانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەر ئىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى