باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە «چەرچەن» نامى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى

2015.08.11 16:32   مەنبە: خەلق تورى

چەرچەن ناھىيەسىدە «چەرچەن» نامى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى

  چەرچەن مەدەنيەت يۇرتىدىن پولات نىياز، ئەخمەتجان قۇربانلار خەۋىرى:2015 - يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىئو- تېلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشىدە «چەرچەن» نامى ھەققىدە مۇھاكىمە ئاساسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۆھبەت يىغىنىغا چەرچەن ناھىيەسىدە فولكلور تەكشۈرۈشىدە بولۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن فولكلور تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، كرورانشۇناس، چاقىلىق ناھىيەلىك تېلىگراف شىركىتىدىن غالىپ بارات ئەرك قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇلاردىن باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، بىر قىسىم يازغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلىم سۆيەرلەردىن بولۇپ 30دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلدى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى ئەركىن مۆمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى تۇرسۇن مەخمۇت ئۆزىنىڭ «چەرچەن نامى توغرىسىدا ئۈزۈندىلىك بايان» ناملىق ماقالىسىنى ئارقىدىن چەرچەن تارىخىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋە چارقىلىق ناھىيەسىدىن مەخسۇس مۇشۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىتەن كەلگەن غالىپ بارات ئەرك ئۆزىنىڭ چەرچەن نامى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن يىغىن ئەھلىنى خەۋەردار قىلدى ۋە بۇ نام ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى تەپسىلى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش ئەپەندى يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق، لېكسىيە خاراكتېرلىك پىكىر بايان قىلىپ يىغىننىڭ ئىلمىي كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ