چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مۇزېي « كۆچمە مۇزېي تەشۋىقات ئەترىتى » چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ناھىيەلىك مۇزېينىڭ ئالدىدا كۆچمە مۇزېي تەشۋىقات پائاليىتىنى قانات يايدۇردى. شۇ كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى ھەرقايسى ئىدارە- ئورگان ۋە چەرچەن بازىرىغا قاراشلىق ئائىلە كومىتېتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ ئاممىدىن بولۇپ 2300دىن ئارتۇق ئادەم كۆچمە مۇزېينى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە قىلىنغان سۈرەتلەردە «جۇڭگو تارىخى»، «ھەر قايسى مىللەتلەر دىنىنىڭ ئۆزگۈرۈش تارىخى»، «پارتىيە تارىخى»، «شىنجاڭ تارىخى» ۋە «ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش»، «گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەزمۇنلار روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆچمە مۇزېي تەشۋىقات پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ھەرقايسى يېزا بازارلاردا قانات يايدۇرۇلىدىكەن.