56 مىللەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى 9-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمىدا باش مەشئەلنى تۇتاشتۇرماقتا. (مۇخبىرىمىز شى جيامىن فوتوسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىچكى مۇڭغۇل ئوردۇس، 9-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى] ئىچكى مۇڭغۇلغا جەم بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئورتاق چەمبىرىكى ھاسىل قىلايلى. 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-اۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردۇس شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
56 مىللەت ئوردۇس شەھىرى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا جەم بولۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئىناقلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن دەۋر ناخشىسىنى ياڭراتتى. دۆلەت بايرىقى، مۇسابىقە بايرىقى، مۇسابىقە گېربى قاتارلىق چاسا ئەترەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 56 مىللەتنىڭ مەشئەلچىلەر چاسا سېپى لەرزان قەدەملىرى بىلەن مېڭىپ كەلدى، ئارقىدىن، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىزاڭ، شىنجاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، شۇنداقلا تەيۋەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر رەڭگارەڭ ۋە چىرايلىك مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ مەيدانغا كىردى، مېڭىش جەريانىدىكى 30 سىكونتلۇق مىللىي ئامىل ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئويۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازا سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليۇ يەندۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىۇ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا، ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى ئوردۇس شەھىرى تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىنى قاپلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى