باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى باغلىغان رىشتە

2015.08.11 13:53   مەنبە: خەلق تورى

مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى باغلىغان رىشتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست ئوردوستىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم) 10-ئاۋغۇست، 10-نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى 2-ئايلانما مۇسابىقە كۈنىگە كىردى، ھەر قياسى تاراتقۇلار بىرلىكتە 10-نۆۋەتلىك مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى تەنھەرىكەتچىلەر كەنتىدە ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى زىيارەت قىلدۇق.

  بىز تەنھەرىكەتچىلەر كەنتىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئارتىسلار بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بىر توپ كىشىلەر مەيداندا مىللىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 13-چېسلادىكى چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە 17-چېسلادىكى يېپىلىش مۇراسىمىغا ئۇسسۇل تەييارلاۋاتاتتى. بىز گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. مەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى نومۇر كۆرسىتىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاقسۇ تارىم ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار، مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى «ساغاردى» تۈرىگە قاتنىشىدىغان گۈلبوستاننى زىيارەت قىلدىم.

  زىيارەت جەريانىدا گۈلبوستان بىزگە «ساغاردى»دىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئەترەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. «ساغاردى»نىڭ مەنىسى «چاقپەلەك»بولۇپ، پەستە ئالتە ئادەم ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تۈۋرۈكنى چۆرگىلىتىدىكەن، ئۈستىدە بىر كىشى ئېلەڭگۈچتە ماھارەت كۆرسىتىدىكەن، بۇ ماھارەت تۈرى ئويۇن ۋە تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.

  زىيارەت جەريانىدا گۈلبوستان ئۆزىنىڭ مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن، 24 ياشلىق گۈلبوستان 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ «ساخاردى»تۈرىگە قاتنىشىشقا تاللانغان بولۇپ، مەشق جەريانىدا، ئۇ ھازىرقى يولدىشى بىلەن تونۇشقان. ئۇ نومۇر ئورۇنلايدىكەن، يولدىشى تۈۋرۈكنى ئىتتىرىدىكەن، ئىككەيلەن مەشقتە تونۇشقان بولۇپ، مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى داۋامىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان، ئاقسۇغا قايتقاندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئالاقىلاشقان ھازىر ئۇلارنىڭ ئۇماق بالىسىمۇ بار ئىكەن. بۇ يىللىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئۇلار يەنە تاللانغان بولۇپ گۈزەل ئوردوسقا نومۇر ئورۇنلىغىلى كەلگەن. گۈلبوستان: «پەستە يولدۇشۇم بولغاچقا، مەن بىر خىل بىخەتەر ھېس قىلىمەن ۋە خاتىرجەم ماھارەت كۆرسىتەلەيمەن» دېدى.تەقدىرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سۆزلىگەندە ئۇ مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ