خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاۋغۇست، شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە، مىڭلىغان تۆگىدىن سۈت سېغىش مۇسابىقىسى قىزغىن كەيپىيات بىلەن باشلاندى شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە يېڭى دۇنيا جىننېس رېكورتىنى ياراتتى. روسىيە، قازاقىستان، موڭغۇل، ئاۋسترالىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق تۆگە مۇتەخەسسىسى ،ئالىملار ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانچى ۋەكىللەردىن جەمئىي 400 نەچچى كىشى بۇ مۆجىزىگە شاھىد بولدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى