MH370 نى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا
2015.08.11 16:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاۋغۇست رېئۇنىئون ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370 نىڭ پارچىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بار جايلاردا ئىزدەشنى داۋاملاشتۇردى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى رېئۇنىئون ئارىلىدا MH370 نىڭ تۇنجى پارچىسى بايقالغان. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئايروپىلان پارچىسى مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370 نىڭ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تىرانسپورت ئايروپىلانى، تىك ئۇچار، كاتېر قاتارلىقلارنى ئىشقا سېلىپ، رېئۇنىئون ئارىلىدا ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر