خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان«چوڭ ماي كۆپۈكى»نىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسىمى ۋە بىر قىسىم «كىچىك ماي كۆپۈكى»نى قوراشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. شىنجاڭ قاراماي بىرىنچى قۇدۇقى ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى 2013-يىلدىن باشلاپ پىلانلاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە، تاشقى كۆرۈنۈش پارقىرىتىش خىزمىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بۇلۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىشىغا ئېچىۋىتىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى