باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

120 پارچە تور مۇزىكىسى «قارا تېزىملىك» كە كىرگۈزۈلدى

2015.08.11 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇزىكا ئەسەرلىرى بىردەك ئۆچۈرۈلدى خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

  گېزىتىمىزنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىراممىسى (مۇخبىر جاڭ خې) مەدەنىيەت مېنىستىرلىقى يېقىندا تور مەدەنىيەت بازارلىرىغا بولغان تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، تور مۇزىكا بازىرىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بىر تۈركۈم تور مۇزىكا مەھسۇلاتلىرى قارا تېزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئالاقە تورى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىن 120 پارچە قائىدىگە خىلاپ مەزمۇندىكى تور مۇزىكا مەھسۇلاتىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قائىدىگە خىلاپ تور مۇزىكا تىجارىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، ئۆچۈرۈشنى رەت قىلغان ئېنتىرنىت مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  يىقىندا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قائىدىگە خىلاپ مەزمۇندىكى تور مۇزىكا مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 120 پارچە مەزمۇنىدا ئېغىر مەسىلە بار تور مۇزىكا مەھسۇلاتىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بۇ تور مۇزىكىلاردا ئۇياتسىزلىق، زوراۋانلىق، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىش ياكى جەمىئىيەت ئەخلاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار بولۇپ، «ئېنتىرنىت مەدەنىيەت باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نىڭ 16-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تور مۇزىكىلىرىنى باشقۇرۇش قارا تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەچكە ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ تەمىنلىشىگە بولمايدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر