باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قاتارلىق ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىقتىساد نورمال ھالىتىنى ئىگىلەپ بەش ئىشنى ئەستايىدىل قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

2015.08.11 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى بوئاۋدا ئاسىيا مۇنبىرى 2015- يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك ئالاھىدە باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى. بۇ يىل نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىنىدىغان ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى يىغىنى ئېچىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى ئومۇمىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش مۇۋاپىق رايوندا بولۇشىنى ساقلاش تىلغا ئېلىندى.

  شۇنداق بولسىمۇ، بۇ يىلدىن بۇيان ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى بىر نەچچە مۇھىم سورۇنلاردا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادىي نورمال ھالىتىنى ئالاھىدىلىكى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بايان قىلدى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، توغرا تونۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، پائال يېتەكلەش، كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەكىتلەۋاتقان بەش جەھەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. (شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر