خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ـ شىمالى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى ...10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا دائىر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قەلبداشلار سەنئەت ئۆمىكى غۇلجىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇراسۇ يايلىقىدا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «شىنجاڭغا يېڭى مەدھىيە»، «ئىناق ياشاش» قاتارلىق ناخشا – ئۇسسۇللار بىلەن مۇقەددىمىنى باشلىدى.
ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سۈزۈك، قۇياش نۇرى كۈچلۈك. تۇراسۇ يايلىقىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چېھرىدە شادلىق جىلۋە قىلىپ تۇرغان بولۇپ، 4 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئامما ئىنتايىن ھاياجانلانغان ۋە پەخىرلەنگەن ھالدا بۇ ئالاھىدە بولغان بىر مەيدان يايلاق ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتىنى كۆردى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە؛ خەلق تورى