بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئالدىدىكى شەرق-غەرب ئىككى يان تەرەپ قورشىلىپ، پارات كۆرىدىغان ۋاقىتلىق سۇپا قۇرۇلۇشى 11-ئاۋغۇست باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ‹‹3-سېنتەبىردىكى پارات »نى كۆرۈش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان ۋاقىتلىق سۇپا ئىكەن. كۆرۈش سۇپىسىنى قۇرۇش سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تيەنئەنمېن مەيدانى راۋىقىنىڭ ئالدى توسۇۋېتىلگەن، ساياھەتچىلەر ناۋادا گۇگوڭ سارىيىغا كىرمەكچى بولسا، تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ شەرق-غەرب ئىككى تەرىپىدىكى ئەمگەكچى خەلق مەدەنىيەت سارىيى ۋە جۇڭسەن باغچىسىدىن كىرسە بولىدىكەن. ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 9-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئەمگەكچى خەلق مەدەنىيەت سارىيى ۋە جۇڭسەن باغچىسى كىرىش بېلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.