باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شۋېتسىيەدىكى يىجا ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى، بىر ئادەم يارىلاندى

2015.08.11 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسىيە ۋېسىتلاستىكى يىجا ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىدا شۇيەر ۋاقتى 10-ئاۋغۇست بىر قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قاتىل دۇكان ئىچىدە پىچاقنى قالايمىقان شىلتىپ ۋە چاناپ ،ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئىگىلىنىشچە، قازا قىلغىنى بىر ئەر ۋە ئايال خېرىدار بولۇپ، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئۇلار تېخى ھايات بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرەيلەن ئېغىر يارىلانغان بۇلۇپ، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.

  يىجا ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى تەرەپتىن بىلدۇرىشىچە، قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، سودا سارىيىنى ۋاقىتلىق تاقىغان.نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى سوراق قىلىۋاتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر