- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۈيجۇ پۇئەندىكى بىر كۆمۈر كاندا كۆمۈر ۋە گاز پارتىلاش ھادىسىسى يۇز بېرىپ،10ئادەم قازا قىلدى
2015.08.12 14:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەنشىنەن بۇيى – مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پۇئەن ناھىيىسى لوۋشىيا بازىرى جىڭجوڭ كۆمۈر كېندا كۆمۈر ۋە گاز پارتىلاش ھادىسىسى يۇز بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 10ئادەم قازا قىلغان.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ۋەقە 11-ئاۋغۇست كەچ سائەت 7دىن 50مىنۇت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. چيەنشىنەن ئوبلاستى ۋە پۇئەن ناھىيىسى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال خادىملارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن. گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جىياڭپىڭ، سۈن لىچىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنى باشلاپ نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى.
خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، يارىلىنىش، ئۆلۈش ئەھۋاللىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر