- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو كومپارتيىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى
2015.08.12 15:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 15-سانىدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش رۇڭ ۋېيمۇنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1937-يىلى لۇگۇچياۋ ۋەقەسدىن باشلانغان جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى سەككىز يىللىق جاپا مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل كېسىل غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى، دۈشمەن كۈچلۈك بىز ئاجىز بولغان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئارمىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ھەمدە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا دۈشمەننى ئۆزلۈكسىز يوقىتىپ، گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدىكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسېپىنى ئورنىتىش ۋە بۇ مۇھىم سىياسىي شەرتنى قوغداشتىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ھەربى شەرتكە مۇھتاج بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئىلمىي، سېستىمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بۇ ئىستراتېگىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلەرنىڭ ئازات بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر