ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابادتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بونالۇ بايرىمى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ تەنتەنە قىلدى. بونالۇ بايرىمى ھىندىستاننىڭ تېرەنئارا رايونىدىكى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بايرىمى، بونالۇنىڭ ‹‹نەزىرلىك›› دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، ئىلاھەگە نەزىرلىك تەقدىم قىلىدىغان بىر خىل مۇراسىم. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بايرام 11 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.