باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چې جۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

2015.08.11 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 10 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا ئالتە تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى باشلامچى قىلغان تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە قارىتا قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرى. يىغىندا 3 - نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ قارالدى: ئالدىنقى ئالتە تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىلگىرىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇردى، بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى كۆپلەپ ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە ئاساس سالدى؛ قاتتىق تەكشۈرۈپ ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، تەرتىپكە سېلىشنى چىڭ تۇتتى، بېسىمنى يەتكۈزۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ خىزمەتتە مۇلاھىزە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ خۇلاسە چىقىرىپ، جايلارنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بايقاپ، ئومۇمىي خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ھەرقايسى تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنىڭ روھى جۇشقۇن بولدى، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سىجىل ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، «يازدا ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇش، كۈزدە تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت باسقۇچلۇق نىشانغا مەركەزلىشىپ، ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، يەنى، بىرىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش سىنلىق يىغىنىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەردە بايقىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جايلارنىڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇشى، «ئۈچ قەتئىي» نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ياخشى خىزمەت ئىستىلى ۋە روھىي ھالىتىنى ئىزچىل ساقلىشى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشى، تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى؛ تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ ۋە كۆرسىتىپلا قالماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشىگە ۋە ھەل قىلىشىغا پائال ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشى، مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى كېرەك.

  غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ماۋكەن سېيتقامزا، ئاپتونوم رايونلۇق ھەرقايسى تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر