باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر رايونى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يول لىنىيەلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2015.08.11 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى يېقىندا «شەھەر رايونى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يول لىنىيەلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» نى ئېلان قىلىپ، (قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ) ، شەھەر رايونى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يول لىنىيەلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە، شەھەر رايونى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يول لىنىيەلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، يوللارنى تەكرار كولاش، ئاسما لىنىيەلىك تور زىچ بولۇش، تۇرۇبا يولى لىنىيەسى ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شەھەر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەھەر فونكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، شەھەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىپ ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە شەھەرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ئىجتىمائىي مەھسۇلاتقا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغنى جەلپ قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يارىتىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش، دەپ كۆرسىتىلدى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە ئېنىق قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يول لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، يول يۈزىنى تەكرار قېزىش كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، تۇرۇبا يولى بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىيەلىنىش ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئاساسلىق كوچىلاردىكى ئۆمۈچۈكسىمان ئاسما تور لىنىيەلىرى يوقىتىلىپ، شەھەر رايون مۇھىتىدا روشەن ياخشىلىنىش بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر