باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئايال 14 قېتىم ھامىلدار بولۇپ، تۈرمىدە يېتىشتىن قاچقان

2015.08.12 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زېڭ پالانى پارىخورلۇق سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدە يېتىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كېسىم ئېلان قىلىنغان 10 يىلدەك ۋاقىتتا، 14 قېتىم ھامىلدار بولۇپ تۈرمىدە يېتىشتىن قاچقان. ھازىرغىچە، سايباغ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە زېڭ XX تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى سۇنغان. بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن زېڭ XX رەسمىي تۈردە تۈرمىگە كىرگەن.

  2005-يىلى 17-ئۆكتەبىر، زېڭ XX پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغاندا، زېڭ XX ھامىلدار بولغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى ۋاقىتلىق سىرتتا ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان.

  چېڭ XX قامىلىپ، سولاقخانىغا ئاپىرىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ھامىلىنى چۈشۈرمەكچى بولغان. زېڭ XXنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۈرمىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ يەنە ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇشۇنداق تەكرارلىنىو 2006-يىلدىن ھازىرغىچە 10 يىلدەك ۋاقىتتا، زېڭ XX 14 قېتىم ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، پەقەت بىر قېتىملا يالغان ھامىلدار بۇلۇۋالغان بولۇپ، باشقا 13 قېتىم راست ھامىلدار بولغان.

  بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سوتقا يەنە بىر قېتىم زىڭ XXكە بۇيرۇلغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى قاماشنى قارار قىلغان. ئارقىدىن، سايباغ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە ساڭفاڭگۇ ساقچىخانىسى بىرلىكتە زېڭ XXنى يالاپ سولاقخانىغا ئاپارغان، زېڭ XX رەسمىي تۈرمىگە قامالغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر