باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوگىل شىركىتى قايتا تەشكىللىنىپ يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2015.08.12 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالاقە تورى ماگناتى گوگىل شىركىتى 10-ئاۋغۇست قايتا تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گوگىل يېڭى شىركەت ئالفابېت(Alphabet) قۇرۇپلا قالماستىن يەنە، ئەسلى گوگىل شىركىتىنى قايتىدىن يېڭى شىركەتنىڭ تارماق شىركىتى قىلىپ تەشكىللەيدىكەن.

  بۇيىل تۆتىنچى پەسىلدىن باشلاپ، ئالفابېت گوگىل شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سالىدىغان ئەمەلىي گەۋدە بولۇپ قالىدۇ. گوگىل شىركىتى بارلىق پاي چېكىنى بىۋاستە ئالفابېتقا كىرگۈزىدۇ.

  گوگىل شىركىتى ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لارىي پېيىج ئالفابېتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ.

  پېيىجنىڭ ئېيتىشىچە، ئالفابېت گۇگۇلنىڭ يادرولۇق ئالاقە تورى مەھسۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بەزى كەسىپ تۈرلىرىنى ئاچىدىكەن. يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان گۇگۇلنىڭ ئالاقە دائىرىسى ئادەمسىز ماشىنا ئارقىلىق يوللاش، ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش، شۇنداقلا ساغلاملىق سىستېمىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە كېڭەيگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر