باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»تە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

2015.08.11 17:13  

لى كېچياڭ: ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»تە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

  لى كېچياڭ زۇڭلى 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى شېنجېن «chaihuo maker cpace»دە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. بۇ تورنىڭ قۇرغۇچىسى مۇنداق دېدى: ئوتۇن «پۇقرالار تېرىپ گۈلخاننى ئولغايتىدىغان ئوتۇن»دېگەن مەنىدە بولۇپ، قۇرۇلۇپ تۆت يىلدىن بۇيان 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ تور ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشتى. زۇڭلىنىڭ «chaihuo maker cpace»نىڭ پەخرى ئەزاسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. لى كېچياڭ قايىللىق بىلەن :«بولىدۇ، مەن سىلەرنىڭ گۈلخانىڭلار تېخىمۇ ئۇلغايتاي» دەپ جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ زۇڭلى 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەتتە ئىسلاھات».

  لى كېچياڭ 2105- يىلىنىڭ تۇنجى خىزمەت كۈنىدە جۇڭنەنخەيدە بولماي، شېنجېندىكى 23 كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانىسى بار «chaihuo maker cpace»»غا كەلدى.

  «maker» يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەتنى ئەمەلىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغۇچى. شۇ كۈنى لى كېچياڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم، مىخانىك بىلەك قاتارلىق ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى سىنىدى. قايتىش ئالدىدا مۇنداق باھا بەردى: ئاجايىپ تەسەۋۋۇرۇڭلار ۋە مول نەتىجەڭلەر پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. بۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادىيلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە جۇڭنەنخەيدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، «پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرى. ئۆتكەن 100 قېتىملىق يىغىندا، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر 22 قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» خەۋەرلەردە 32 قېتىم كۆرۈلدى.

  بۇ يىل «ئىككى يىغىن» يېپىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا، لى كېچياڭ زۇڭلى مۇخبىرلارغا «پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بىر ئىسلاھات» دەپ ئوچۇق ئېيتتى. (شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ