باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق سودا يەرمەنكىسى بۈگۈن باشلاندى،46دۆلەت ۋە رايون يەرمەنكىگە قاتناشتى

2015.08.12 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سودا يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ كەسىپتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى - ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 2015 - يىللىق جۇڭگو−ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «2015 - يىللىق سودا يەرمەنكىسى» دېيىلدى) 12-ئاۋغۇست رەسمىي باشلىنىدۇ؛ ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقىدىكى46دۆلەت ۋە رايون سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.

  2015-يىللىق سودا يەرمەنكىسىدە ئاساسلىقى كەسىپلەر مۇنبىرى ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر يىغىنى، مەملىكەت ئىچىدىكى سودا - مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى، چېگرا سىرتىدىكى سودا - مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەر بولۇپ جەمئىي بەش چوڭ تۈر بويىچە 32 قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.2015-يىللىق سودا يەرمەنكىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو سودا بىرلەشمىسىنىڭ سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر شۆبىسى بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك كۆرگەزمە ئورنىدىن مال سېتىۋالىدىغانغا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى گۇرۇھى، چوڭ - چوڭ زەنجىرسىمان كارخانىلاردىن 150 سېتىۋالغۇچى سودىگەرنى تەشكىللىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش - تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى قىلىدىغان سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى ۋە مەخسۇس سېتىۋېلىش ئاپپاراتلىرىدىن 50كە يېقىن ۋەكىل تەشكىللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 2015- يىللىق سودا يەرمەنكىسى تەشكىلىي ھەيئىتى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سودا كوپىراتىپىنىڭ «دېھقانلار شادلىقى» ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق سودىگەرلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنى تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  2015-يىللىق سودا يەرمەنكىسى «ئىخچام، سەرخىل، كەسپىي» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بەش كۆرگەزمە رايونىدا جەمئىي 1955 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلدى، يەرمەنكىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 824 كارخانا قاتنىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر