باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇ شيۇليەن ئاپتونوم رايونىمىزدا «بەخت قۇرۇلۇشى» ۋە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.08.13 12:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «بەخت قۇرۇلۇشى» مەملىكەتلىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ شيۇليەن 10 - ئاۋغۇستتىن 12 - ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا «بەخت قۇرۇلۇشى −− نامرات ئانىلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ۋە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  10 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن گۇ شيۇليەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «بەخت قۇرۇلۇشى −− نامرات ئانىلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  «بەخت قۇرۇلۇشى»دا ئاساسلىقى نامرات رايونلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىدىكى نامرات ئانىلار ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتونوم رايونىمىز 2007 - يىلى 7 - ئايدا «بەخت قۇرۇلۇشى» تۈرىنى يولغا قويغان، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 19 ناھىيە، شەھەر، رايوندا «بەخت قۇرۇلۇشى» تۈرى نۇقتىسىدىن 23ى قۇرۇلۇپ، جەمئىي 2815 نامرات ئانىغا ياردەم بېرىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  گۇ شيۇليەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامرات ئانىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، شىنجاڭ «بەخت قۇرۇلۇشى»دا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن «بەخت قۇرۇلۇشى» مەملىكەتلىك تەشكىلىي كومىتېتى شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن نامرات ئانىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  «چېگرا رايونغا مېھىر باغلاپ، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش − ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش فوندى جەمئىيىتى <جۇڭخۇا روھى> كىتاب ئىئانە قىلىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى» 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 116 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. ۋېيفاڭ شەھەرلىك «دېچىن يۈيىڭ» يۇمشاق ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، تيەنجىن شەھەرلىك «شۆيۇيۈەن» تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە «يىجياڭ» شاڭخەي ئىگىلىك تىكلەش - مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى جۇڭگو ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە جەمئىي 22 مىليون 850 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى رەقەملىك دەرسلىك كىتاب، رەسىملىك كىتاب، يوتقان ۋە ئەدىيال قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى.

  گۇ شيۇليەن ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ماختىدى، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزگەن كارخانىلار ۋە زاتلارنىڭ چېگرا رايوندىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ئالقىشلىدى.

  11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ۋە 12 - ئاۋغۇست، گۇ شيۇليەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ۋە قۇمۇل ۋىلايىتىگە بېرىپ، يەرلىكتىكى جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىدىكىلەر ۋە «بەش پېشقەدەم»لەر بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى، يەنە قۇمۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «بەخت قۇرۇلۇشى» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر