باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«كەلگۈسىدىكى چولپانلار» قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق رايون مۇسابىقىسى خوتەندە باشلاندى

2015.08.13 12:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 2015 - يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر «كەلگۈسىدىكى چولپانلار» قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق رايون مۇسابىقىسى ۋە «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش لوڭقىسى» ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خوتەن ۋىلايەتلىك تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشلاندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن بۇ مۇسابىقىنى توپ تېپىپ باشلاپ بەردى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى «مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىدائىيلار ھەرىكىتى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۈچ ئولىمپىك ماھىرى −− سۇچى قىشلىق ئو ت م دە ئاياللارنىڭ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن لى جيەنرۇ، ۋانكۇۋېر قىشلىق ئو ت م دە ئاياللارنىڭ 3000 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن جۈن جاڭخۇي، بېيجىڭ ئو ت م دە سەنئەتلىك گىمناستىكا تۈرىدە كوللېكتىپ 2 - لىككە ئېرىشكەن سۈي جيەنشۇاڭمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى.

  بۇ قېتىمقى قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ تارماق رايون مۇسابىقىسىدە ئوغۇللار، قىزلار ئۈچكە ئۈچ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى، ئوغۇللار، قىزلار ۋالىبول مۇسابىقىسى، ئوغۇللار، قىزلار بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېزا ياشلىرى گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 33 ناھىيە، شەھەردىن كەلگەن 114 كەنت دەرىجىلىك ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار 800 كىشىدىن ئاشىدۇ. بۇ قېتىمقى قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن تەڭ ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن 36 غالىپ كوماندىدىن جەمئىي 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر روھى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ يىل 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇنجى قېتىم ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا «كەلگۈسىدىكى چولپانلار» قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. جەمئىي 3000 دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنت گۇرۇپپا تەشكىللىدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ياش دېھقان بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خاسلىقى روشەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرى ئاپتونوم رايون ھەتتا مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت بالىلارنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان سەھنىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئارىلاشقان ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان كاتتا يىغىلىش بولدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر