باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش يولىدا مېڭىش كېرەك

2015.08.13 12:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەيدىغان كۆز قاراش ۋە تۈزۈلمە، مېخانىزملاردىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىچىدىن روناق تاپىدىغان يولدا مېڭىش كېرەك.

  ئۆگىنىشتە مەركىزىي گۇرۇپپا ئەزالىرى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭنىڭ «پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى» دېگەن مەخسۇس تېمىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىلىق ياراتمىغاندا ئارقىدا قالىمىز، يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىمىز ئاستا بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا ئارقىدا قالىمىز»، دەپ تەكىتلىگەنىدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر تېخىمۇ گەۋدىلىك ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرەكلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسپىي ئىنقىلاب باشلاندى. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايانغاندىلا، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئايلانما يولدا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ ئىقتىساد، مۇقىملىقتىن ئىبارەت «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش» ۋەزىيىتى بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولى؛ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجادچان شىنجاڭ بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەيدىغان كۆز قاراش ۋە تۈزۈلمە، مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىچىدىن روناق تاپىدىغان يېڭى يول بەرپا قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، پەرقلىق يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش كېرەك. شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن شىنجاڭچە خاسلىقنى نامايان قىلىشى؛ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايونغا خاس ئىقتىساد ۋە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى ھەم زورايتىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىشلەپچقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك توسالغۇ ۋە «قورشاۋ»لارنى تۈگىتىپ، ئاپپاراتلار، ئىختىساسلىقلار ۋە تۈرلەرنى تولۇق جانلاندۇرۇش كېرەك؛ نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەردە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسپىي تەرەققىياتتا تېخنىكا يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، كارخانا، رايون، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قوللاپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى باشلامچى ئېگىزلىكنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «يېگانە ئارال» ھادىسىسىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈش كېرەك؛ شىنجاڭغا پەن - تېخنىكىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىلىم - پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالىملار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى، كارخانىچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن نۇقتىلىق ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئوچۇق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكىدا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك تاشقى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شىنجاڭغا پەن - تېخنىكىدا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەۋزەل پەن - تېخنىكا بايلىقىنى شىنجاڭغا يىغىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى ۋە مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى باشقا ئەزالار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر