خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاۋغۇستتىن 13 ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزىلىدىغان جوڭگو.شىنجاڭ 2015-يىللىق«بۈيۈك ئالتاي»خەلقئارا تەنھەرىكەت ساياھەت بايرىمى شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى مىللى ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە باشلاندى . ئالتاي رايونى، روسىيەنىڭ ئالتاي چېگرا رايونى، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى، موڭغۇلىيەنىڭ كوبودو ئۆلكىسى، بايانولىي ئۆلكىسى قاتارلىق تۆت دۆلەت ئالتە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىلىپ، بۇ خەلقئارالىق كاتتا يىغىلىشنى خوشال ئۆتكۈزدى.
جوڭگو.شىنجاڭ 2015-يىللىق«بۈيۈك ئالتاي»خەلقئارا تەنھەرىكەت ساياھەت بايرىمىدا 14خىل مۇسابىقە تۈرى ۋە 5 خىل ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بار بولۇپ، تۆت دۆلەت ئالتە رايوندىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ئېرتىش دەرياسى بويىغا يىغىلىپ، كەسكىن رىقابەتلەشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى