باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا يول قويۇش كېرەك

−−ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» تەرەققىيات ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2015.08.13 12:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2015 - يىلى 25 - ئىيۇلدىن 26 - ئىيۇلغىچە ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش توقۇنۇشۇپ قالغاندا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا يول قويۇش كېرەك! دەپ تەكىتلىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ۋە «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

  يۇقىرى قاتلام لايىھەسى يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلدى

  سايرام كۆلىنىڭ بويىدا ياشاۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان مونوش بوۋاي كۆز ئالدىدىكى سۈرەتتەك مەنزىرىنى كۆرگەندە ھەمىشە ئىنتايىن زوقلىناتتى.

  ئىلگىرىكى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە، سايرام كۆلى بويىدىكى يايلاق ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ھەممە جايدا قوي - كالا پادىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، كۆل بويىنىڭ ھەممە يېرى قالايمىقان سېلىنغان تىجارەت سورۇنلىرى ئىدى، كۆل بويىدىكى گۈزەل يايلاقلاردىن ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئۇ چاغدا مونوش بوۋاينىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان.

  مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن باشلاندى.

  2011 - يىلى سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يادرولۇق رايوندىكى 200 مىڭ موغا يېقىن يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلىدى؛ ئومۇمىي سېلىنمىسى 723 مىليون يۈەنلىك بەش چوڭ تۈر 55 تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى؛ 12 باشقۇرۇش ۋە قوغداش پونكىتى قۇرۇپ، قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇش، يايلاقلارنى چەيلەش، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايوندا چارۋا بېقىش قاتارلىق قىلمىشلارنى باشقۇردى، مەدەنىي ساياھەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، تيەنجىنلىك ساياھەتچى جاڭ جېن سايرام كۆلىنى كۆرگىلى 2 - قېتىم كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ جايدا يېگەن قوي - كالا گۆشلىرى ھېچقانداق بۇلغانمىغان، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ساپ، ئاسمىنى كۆپكۆك ئىكەن. سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدىنلا ئىبارەت.

  شىنجاڭ دېڭىز - ئوكياندىن يىراق، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، تىپىك مۆتىدىل بەلباغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، بوستانلىق كۆلىمى ئاران %4.3نى ئىگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز. ھالبۇكى، باشقا قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئارقىدا، تەرەققىي قىلىش ئۈمىدى بىرقەدەر كۈچلۈك، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە «بايلىقلارنى ئېچىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»تەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىنى كۆپ قېتىم ئېچىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى ھەم ئىلى ئوبلاستى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىككى قېتىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  2014 - يىلى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنى تىرىشىپ ھاۋاسى ئەڭ ساپ جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» ۋە «ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، ئىختىساسلىقلار كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتى مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىگە قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق ئىجرا قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى.

   كەلگۈسى تەرەققىياتتا ئېكولوگىيەلىك قىزىل سىزىقنى قەتئىي ساقلاش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، پىلان بويىچە ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇھىت ئاسراش تۆۋەن چېكىنى بېكىتىپ، تۆت تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك رايوننى ئىلمىي بەلگىلەپ، ئېچىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېچىش سىجىللىقىنى تىزگىنلەپ، ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  2014 - يىلى 3 - نويابىر، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغان مۇھىم مەسلىھەت بېرىش، تەتقىقات تۈرى «تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات» ئۈرۈمچى شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو مۇھىت ئىلمى تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە ئورنى قاتارلىق ئون نەچچە ئورۇندىكى 18 ئاكادېمىك، 60 نەچچە مۇتەخەسسىس، مەسلىھەتچى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ «تومۇرىنى تۇتۇپ، دىياگنوز قويدى».بۇ تۈرنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى توغرىسىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىش، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى نورمال شەكلىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تېما تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىس، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى «تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات دوكلاتى»نى يېزىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا يوللايدۇ. بۇ تەدبىر، دوكلاتلار تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كەلگۈسى 20 يىلدىن 30 يىلغىچە بولغان تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قىبلىنەماغا ئايلىنىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، ئاپتونوم رايون ئالدىن پىلانلاش، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى»نى قايتىدىن تۈزىتىپ ئېلان قىلدى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك رايون پىلانى»نى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئېچىش رايونى، ئېچىشنى مەنئى قىلىش رايونىنى بېكىتىپ، بوشلۇقنى ئېچىش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش 12 - بەش يىللىق پىلانى» ۋە مۇھىت ئاسراشتىكى نۇقتىلىق مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونى پىلانى»نى مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈپ تاماملىدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ زېمىن بوشلۇقىنى سەككىز تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئېكولوگىيە قىزىل سىزىق رايونى»نى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم قوغدىلىدىغان رايون ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنىڭ قوغداش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار پىلانلارنىڭ تۈزۈلۈشى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، قۇرۇلۇش تۈرى ئىجازىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە قۇرۇلۇشنى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ 16 نۇقتىلىق كەسىپ پىلانى مۇھىتىنى باھالاش ۋە 20 نەچچە رايوننىڭ ئېچىش پىلانى مۇھىتىنى باھالاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

  ھازىر «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.بۇنداق ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتاي ۋىلايىتى مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت كارىدورىنى كۆڭۈل قويۇپ «تەسۋىرلەپ»، «شىنجاڭ مېھمانخانىسى» يارىتىپ، «ئېكولوگىيە تائاملىرى»نى يېيىش نىيىتىگە كېلىپ، «ساياھەت تائاملىرى» بىلەن غىزالاندى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ جاڭۋۇ مۇنداق دېدى: تەبىئىي ساياھەت مەنزىرىسىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قوغداش، ساياھەتچىلەرنى تاغ - دەريالارغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، زىيادە ئېچىشتىن ساقلىنىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى ساياھەتتىن ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، كۈتۈنۈشكە ئۆرگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ۋە تېكەس ناھىيەسىدە پەرقلىق خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، GDP كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە قۇرۇلۇشنى باھالاشنىڭ ۋەزنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ ئىككى ناھىيەنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېكولوگىيە خىزمىتى نەتىجىسى باھالانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ناھىيەگە ئايلاندۇردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئېكولوگىيەلىك ئوبلاست قۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئاساسىدا ياخشى ئىشلەپ، ئىلى ئوبلاستىنى ئېلىمىزدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگىلىك رايون، ئاپتونوم رايونىمزدىكى «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل» بولۇشتىكى ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنى دۇنياۋى دەرىجىلىك ئېسىل ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  2012 - يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە پار بىلەن تەمىنلەش ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلارنى تەبىئىي گاز يېقىلغۇلۇق پار قازانلارغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى، ھازىر ئاساسىي شەھەر رايونىدا تەبىئىي گازنى ئاساس قىلغان پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى تەدبىرى قوللىنىلغاچقا، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئاسماندىكى «قارا تۇۋاق» يوقىتىلىپ، كۆك ئاسمان كۆرۈلۈپ، ساپ ھاۋادا ياشاۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر