باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن مېڭ فېڭچاۋ بىلەن كۆرۈشتى

يادرولۇق رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك

2015.08.14 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 13 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مېڭ فېڭچاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكىتىمىزدە ھەتتا خەلقئارادا بىر قەدەر كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش گۇرۇھى بولۇپ، شىنجاڭغا بۇرۇنراق كىرگەن، ھازىر شىنجاڭدا 20 نەچچە ئاپپاراتى ۋە شىركىتى بار، قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 20 نەچچە مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ شىركەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى يەر ئاستى ئۈسكۈنىلىرى ۋە رېلىس ئۈسكۈنىلىرى بازىسى قۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن چوڭ قۇرۇلۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، «بەشلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى يۇقىرى يەر ئاستى ئۈسكۈنىلىرى ۋە رېلىس ئۈسكۈنىلىرى بازىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، ھازىر خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىغا كۈچ ئاتا قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئالاقىنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى يادرولۇق رايون قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم، ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، تەجرىبىسى بار، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، ھازىر قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مۇھىم تۈرلەرنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، بىر قىسىم ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى شىنجاڭغا تەرتىپلىك ھالدا يۆتكىشىنى؛ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار ۋە باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە شىنجاڭدا بانكا قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ھەر خىل ئۇسۇلدا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مېڭ فېڭچاۋ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى خىزمەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى يەر ئاستى ئۈسكۈنىلىرى ۋە رېلىس ئۈسكۈنىلىرى بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئەستايىدىل ئالاقە باغلاپ، ئاپتونوم رايون بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر نەچچە چوڭ تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەيمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، چيەن جى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى رەھبەرلىرىدىن جۇاڭ شاڭبياۋ، فاڭ گۇاڭخۈي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر