باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپەت ئەسلا «قىياسەن دۈشمەن» ئەمەس

2015.08.14 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن زەربىسىنى پارتلاتقۇچنىڭ پارتلاش كۈچى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ. شەنشى ئۆلكىسى شەنياڭ ناھىيىسىدە 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ئاپىتى تېخى تىنجىماي تۇرۇپ، خەيخې دەرياسى بويىدىكى ئىككى قېتىملىق زور پارتلاش ئاۋازى نۇرغۇن كىشىنى شېرىن ئۇيقۇدىن چۆچۈتىپ ئويغاتتى. دەسلەپكى سىتاتىستېكىغا قارىغاندا 50 كىشى قازا قىلغان. يارىلانغان 66 كىشىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 520 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋىتىپتۇ.

  تىيەنجىن شەھىرى بىڭخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  «جامائەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ئىش چىقىمىسا ھېچ ئىش يوق، ئىش چىقسا چوڭ ئىش چىقىدۇ.» بىراق، بىخەتەرلىك ھاۋاغا ئوخشايدۇ، كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭغا كۆپ دەسمايە كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بىراق ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا زور بەدەل تۆلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئاپەتنى ھەر قاچان پەيدا بولىدىغان «قىياسەن دۈشمەن» دەپ بىلىپ، بىخۇدلىققا، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت يىراقنى كۆرەلمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى بەردى. «مىساللىق ئوقۇتۇش» بىخەتەرلىك تەربىيەسىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ قالدى. جامائەت سورۇنلىرىغا ئوت كېتىشتىن تارتىپ پاراخوت دەرياغا چۆكۈپ كېتىش، دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسى، لېفىت ۋەقەسىگىچە بولغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالغۇدەك نۇرغۇن تەربىيەۋى كىتاب تۈزگىلى بولىدۇ، بىراق، بۇنداق پاجىئەلەر داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىچكى باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، بىخەتەرلىك ئېڭى سۇس بولۇش، قائىدە -تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتماسلىق، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئەمىلىيلەشمەسلىك، خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش ئەمەلىي بولماسلىق، ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى ئېلىش، ئاپتوموبىل ھەيدەۋىتىپ تېلىفوندا سۆزلىشىش، ھەرىكەتچان كۆزىتىش سېستىمىسىنى ئېتىۋىتىش...ئىشقىلىپ گوۋۇيۈەن بىخەتەرلىك باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئېغىر ھادىسىلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىدا يۇقىرقىدەك سەۋەپلەر توغرىسىدىكى تەھلىللەرنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساۋاق ئېلىشقا ئالدىرايدۇ. بىراق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ.

  شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار بىر چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىخەتەرلىك مۇداپىئە لېنىيەسى ھەقىقەتەن ئۇزۇن، سەددىچىن سېپىلىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، ھېچكىم ھەر بىر ھالقىنىڭ مەزمۇت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بىراق، ھەر بىر ھالقا بىردىن ھاياتلىق دەپ چۈشەندۈرۈلسە، كۆڭلىمىز ئەمىن تېپىشى مۇمكىن. ھاياتلىق ئۈچۈن، بىزگە كاپالەت كېرەك، شۇنداقلا ئەڭ قاتتىق مىزان ۋە ئىنچىكە ئۆلچەم كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر