باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ تيەنجىن رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى

2015.08.16 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تيەنجىنگە بېرىپ بىنخەي يېڭى رايونىدىكى رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنى يوقلىدى ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى.

  ليۇ يەندۇڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنجىن بىنخەي 5-مەركىزىي دوختۇرخانىسى ۋە تيەنجىن تەيدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش داۋامىدا يارىلانغان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە يارىلانغان ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى. ئۇ بىمارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، ھايات-ماماتىغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرى ۋە يارىلانغان ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ جاراھىتىنى خاتىرجەم داۋالىتىپ، بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھەمدە بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان تېببىي خادىملار ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

  ليۇ يەندۇڭ بۈگۈن سەھەردە تيەنجىن شەھىرىنىڭ بىنخەي يېڭى رايونىدا يىغىن ئېچىپ، تيەنجىن شەھىرى، دوختۇرخانا مەسئۇللىرى ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، تيەنجىن شەھىرى ۋە سەھىيە سىستېمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، قۇتقۇزۇش، داۋالاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلمەكتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە. باش شۇجى ۋە زۇڭلىنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىرىنچى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلىش ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش؛ ئىككىنچى، ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئايرىم-ئايرىم تەدبىر قوللىنىپ بولۇپمۇ جاراھىتى ئېغىر بىمارلارنى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، يارىدارلارنى كۈتۈش، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، يارىدارلار، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئالاقىدار قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى قاراتمىلىق ھالدا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ، يارىدارلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش؛ تۆتىنچى، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى يىغىپ، ھەر بىر يارىدارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر